«ئىككى يېڭى»نى يولغا قويۇش ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى تەڭ جانلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى
1-ئاينىڭ 20-كۈنى، مەملىكەت بويىچە 29 ئۆلكە يانفون، كومپيۇتېر، ئەقلىي قول سائەت سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسىنى رەسمىي يولغا قويدى، باشقا جايلارمۇ يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويىدۇ. «كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش» دۆلەتنىڭ ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش دائىرىسىنى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئاپتوموبىلدىن كۈندىلىك ئىستېمال ئېلېكتىرون ساھەسىگە كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى تەڭ جانلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.
بېيجىڭدىكى بىر رەقەملىك مەھسۇلاتلارنى سېتىش مەيدانىدا خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، خىزمەتچى خادىملارمۇ يېتەكلەش، تەشۋىق قىلىشقا پائال ماسلاشتى.
بۇ قېتىم سىياسەتنىڭ تەلىپى بويىچە، ئەڭ ئاخىرىدا سېتىلىش باھاسى 6000 يۈەندىن ئاشمايدىغان يان تېلېفون، كومپيۇتېر، ئەقلىي قول سائەت مەھسۇلاتلىرىغا تولۇقلىما بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە باھاسى 3333 يۈەندىن 6000 يۈەنگىچە بولغان مەھسۇلاتلارغا 500 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ. 3333 يۈەندىن تۆۋەن مەھسۇلاتلارغا %15 لىك ئۆلچەم بويىچە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ.
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ قېتىم سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ يىل يان تېلېفوننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سېتىلىش مىقدارى 300 مىليونغا يېتىدىكەن.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت