ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە كىچىك ئاپتوموبىللار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىققاندا داۋاملىق يول ھەققى ئېلىنمايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-01-22 14:38

  مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 21-كۈنى قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2025-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈرۈش ھەققى داۋاملىق كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن، ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتىنىڭ باشلىنىش-ئاخىرلىشىش ۋاقتى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى (چاغان ھارپىسى) سائەت 00:00 دىن 2-ئاينىڭ 4-كۈنى (چاغاننىڭ 7-كۈنى) سائەت 24:00 گىچە بولۇپ، جەمئىي سەككىز كۈن بولىدىكەن.

  قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەقسىز يول يۈرگەندە ئاپتوموبىللارنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى ھەق ئېلىنىدىغان يولدىن ئايرىلغان ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ. دەم ئېلىش ئاخىرلىشاي دېگەندە، ئەگەر يول يۈرۈش ۋاقتى ھەق ئېلىنمايدىغان ۋاقىتنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتىغا يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن مەنزىلگە يېتىپ بارمىغان بولسا، يېقىن ئەتراپتىكى ھەق ئېلىش پونكىتىدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن مۇددەتتىن بۇرۇن چىقىپ كېتىشنى تاللىسا بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئىلگىرىكى مۇساپىدە ھەقسىز يول يۈرۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، يەنە يېقىن ئەتراپتىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىرىپ مەنزىلگە بارسا، پەقەت ئېشىپ قالغان مۇساپىنىڭ ئاز بىر قىسىم خىراجىتىنى تاپشۇرسىلا بولىدۇ.

  بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق تەكلىپ بەردى: شوپۇرلار ئەمەلىي ئورنى ۋە ۋاقتىغا ئاساسەن، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مۇددەتتىن بۇرۇن پىلانلاپ، ۋاقىت قوغلىشىش، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش سەۋەبىدىن بىخەتەرلىك ھادىسىسى كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەڭ زور چەكتە ھەقسىز سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك.

  تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

  سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە كىچىك ئاپتوموبىللار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىققاندا داۋاملىق يول ھەققى ئېلىنمايدۇ

مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 21-كۈنى قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2025-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈرۈش ھەققى داۋاملىق كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن،