ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2024-يىلى ئېلىمىزنىڭ سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-01-22 14:49

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۆتكۈزگەن «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈنۈمى» ناملىق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2024-يىلىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ماكرولۇق ئىقتىساد ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.8 ئېشىپ، 2023-يىلىدىكىدىن 1.2 پوئېنت كۆپەيگەن، ياسىمىچىلىقنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى ئۇدا 15 يىل دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرۇپ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ساھەسىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %40كە يېتىپ،«مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق»، «ئىغرىتقۇلۇق» رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرغان.

  2024-يىلى ئېلىمىزدىكى 41 سانائەت چوڭ تۈرىدىكى كەسىپنىڭ 39ى ئېشىش ھالىتىنى ساقلىدى، ئېلېكتىرون، رەڭلىك مېتال، خىمىيە سانائىتى، ئاپتوموبىل قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %40 بولدى. پۈتۈن بىر يىلدا كۆلەملەشكەن جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئېشىپ، بارلىق كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %46.2كە يەتتى. يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق، سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق ساھەلەردە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆسۈپ، يېڭى ماتېرىيال، بىيو ياسىمىچىلىق، ماشىنا ئادەم قاتارلىق گۈللەنمە كەسىپلەر، يېڭى قۇۋۋەت تېز يېتىلدى.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە ساقلانما سىياسەتلەر ۋە كۆپەيمە سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، مۇقىم ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  ئۇنىڭدىن باشقا، 2024-يىلى «ئىككى يېڭى» سىياسەتنىڭ رولى ئارقىسىدا، ئۈسكۈنە جابدۇق سېتىۋېلىشقا سېلىنغان مەبلەغ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.7 ئېشىپ، بارلىق سېلىنمىنىڭ 2.2 پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. كېيىنكى قەدەمدە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى «ئىككى يېڭى» سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى «15-بەش يىل»لىق پىلانغا قارىتىپ، بىر تۈركۈم زور مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى پىلانلاپ يولغا قويىدۇ.

 تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

  سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2024-يىلى ئېلىمىزنىڭ سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۆتكۈزگەن «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈنۈمى» ناملىق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا،