ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەنخۇي ئۆلكىسى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكىنى زورايتىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-01-22 14:49

  گۈللەنمە سانائەت چوڭ ئۆلكىسى بولغان ئەنخۇي ئۆلكىسى يېڭى بىر يىلدا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكىنى قانداق قىلىپ داۋاملىق زورايتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرىدۇ؟ 2024-يىلى، ئەنخۇينىڭ ئىقتىسادى پەسىلمۇ پەسىل ئېشىپ، سىجىل ياخشىلاندى، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %5.8 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 5 تىرىليون يۈەنلىك يېڭى پەللىگە قەدەم قويدى، كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى %9 ئاشتى، رايون يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى، ئاپتوموبىل ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت بويىچە 2-ئورۇندا تۇردى. لياڭ يەنشۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئەنخۇي ئۆلكىسى پەن ـ تېخنىكىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشتا باشلامچى بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

  مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك،دەپ تەكىتلەندى. بۇ يىل ئەنخۇي ئۆلكىسى دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسى بولۇش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، كىۋانت ئۇچۇرى، يادرو يىغىلىش ئېنېرگىيەسى، چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، 100 تۈرلۈك مۇھىم پەن-تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى دادىل يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ.

  يېڭى بىر يىلدا، ئەنخۇي دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ كۆپ تۈرلۈك گىرەلەشمە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم تەسىر كۈچىگە ئىگە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بۆشۈكى، گۈللەنمە كەسىپلەر توپلاشقان جاي، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش رايونى بەرپا قىلىشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل ئەنخۇي قۇرۇشتا يېڭىدىن تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

   تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

  سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئەنخۇي ئۆلكىسى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكىنى زورايتىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلدى

گۈللەنمە سانائەت چوڭ ئۆلكىسى بولغان ئەنخۇي ئۆلكىسى يېڭى بىر يىلدا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكىنى قانداق قىلىپ داۋاملىق زورايتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرىدۇ؟