ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى ئەتىيازلىق پەرۋىش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-02-16 10:16

يامغۇر مەۋسۇمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەتىيازلىق پەرۋىش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلدى. جايلار دېھقانچىلىق ۋاقتىنى قولدىن بەرمەي، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ۋە ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئاساسىنى پۇختىلىدى.

ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋۇخۇ شەھىرى فەنچاڭ رايونى ئېشەن بازىرىدىكى قىچا ئېتىزىدا، چوڭ ئاشلىق تېرىغۇچى جاۋ خېپىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئوغۇت چاچتى، جاۋ خېپىڭ بۇ يىل 500 مودىن ئارتۇق يەرگە قىچا تېرىدى، دېھقانچىلىق تېخنىكلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قىچىغا قارىتا دۈملەنمە ئوغۇتلاش، ئۈششۈكتىن ساقلىنىش مەشغۇلاتىنى باشلىدى. جاۋ خېپىڭ مۇنداق دېدى: ئاساسلىقى ھاۋارايىغا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىشمۇ دائىملىق پەرۋىشنىڭ بىر تەرىپى، دېھقانچىلىق تېخنىكا مەركىزىمۇ دائىم كېلىپ ماڭا ياردەملەشتى شۇنداقلا قىچىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشىمىزغا ياردەم بەردى، 5-ئايدىكى يىغىۋېلىش مەزگىلىدە مۇقىم ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلالايمىز.

يېقىندا، فەنچاڭ رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسى يۈزگە يېقىن يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىمىنى تەشكىللەپ، ئەتىيازلىق ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشى مۇلازىمەت مەخسۇس گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئېتىز-ئېرىق باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دېھقانلارنىڭ ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشىنى قانات يايدۇرۇشى، ئوغۇتلىشى ۋە ئېتىز-ئېرىقلارنى تازىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

نۆۋەتتە، خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھىرى خۇاشيەن ناھىيەسىدىكى بىر مىليون 800 مىڭ مو يەردىكى بۇغداي كۆكىرىش مەزگىلىگە كىردى. بۇ يىل قىشتا تېمپراتۇرا بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا، قىسمەن بۇغدايلار باراقسان ئۆستى. خۇاشيەن ناھىيەسى ۋەنگۇ بازىرى دۇجۇاڭ كەنتىدە، خۇاشيەن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن يىپىن ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىلىرىنىڭ بەك ئۆسۈپ كەتكەن ئېتىز بۆلەكلىرىنى تەڭشىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، چېن يىپىن مۇنداق دېدى: بەك ئۆسۈپ كېتىشنى تىزگىنلەيمىز،  ئۆسۈشنى تىزگىنلەش دورىلىرىنى پۈركۈپ، بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سالىمىز.

يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى يېزا ئىگىلىك ئەھۋالىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن ئايان بولۇشىچە، نۆۋەتتە، ئاساسلىق يازلىق ئاشلىق زىرائىتى بولغان كۈزگى بۇغداي ئارقا-ئارقىدىن كۆكىرىشكە باشلىغان، كۈزگى قىچا غۇنچىلاش مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، ئۆسۈش ئەھۋالى باشقا يىللاردىكىدىن ياخشى بولغان. يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى تېرىقچىلىقنى باشقۇرۇش مەھكىمىسى يېزا ئىگىلىك ئەھۋالى ئۇچۇر باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جۇ جۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىرغا قەدەر، يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى 22 خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە پەن-تېخنىكا شۆبە ئەترىتىنى ئاشلىق، ياغلىقدان ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىپ، بۇغداي، قىچا مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى، ئاشلىق باھاسى، تېرىش مۇددىئاسى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈردى.

جۇ جۈەن مۇنداق دېدى: بىز جايلارنىڭ مايسا ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇپ، مايسىلارنىڭ ياخشى ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەڭشەپ، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تېرىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تېرىش، مول ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىدە تېرىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى ئەتىيازلىق پەرۋىش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇردى

يامغۇر مەۋسۇمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەتىيازلىق پەرۋىش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلدى. جايلار دېھقانچىلىق ۋاقتىنى قولدىن بەرمەي، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ۋە ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئاساسىنى پۇختىلىدى.