مائارىپ مىنىستىرلىقى 301 ناھىيە (شەھەر، رايون)نى يەسلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى دەپ بېكىتتى
مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا 301 ناھىيە (شەھەر، رايون)نى يەسلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزگەن ناھىيە دەپ بېكىتتى، يەسلى مائارىپىدا ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىلمىي بېقىش، تەربىيەلەش سۈپىتى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ رازىمەنلىكى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلىدۇ.
يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى 301 ناھىيە (شەھەر، رايون)نى يەسلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى دەپ بېكىتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇجۇ شەھىرى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ شەھىرى، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيامېن شەھىرى قاتارلىق ئالتە شەھەر (ئوبلاست) پۈتۈن رايون بويىچە باھالاپ بېكىتىشتىن ئۆتتى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار