ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلەتلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى «داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋاقتىدا راسچوت قىلىش» قاتارلىق بىر تۈركۈم يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-02-16 10:28

دۆلەتلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى يېقىندا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ساھەسىدىكى «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» نىڭ 2025-يىللىق تۇنجى تۈركۈمدىكى نۇقتىلىق ئىشلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بۇ «داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋاقتىدا راسچوت قىلىش»، «ئامبۇلاتورىيىدە سوزۇلما ۋە ئالاھىدە كېسەلگە گىرىپتار بولغان 10 خىل كېسەلگە قارىتا ھەقنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش»، «ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ئىسچوت مەبلىغىنى ئۆلكە ئاتلاپ ئورتاق ئىشلىتىش» قاتارلىق ئالتە مۇلازىمەت تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تىزىملىكتە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان رايوندىكى %90 سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى« داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەميانى» ئارقىلىق شەخسىي ئىسچوت مەبلىغىدىن ئۆلكە ھالقىپ ھەمبەھرىلىنەلەيدۇ، ئاتا-ئانىسى، جورىسى، پەرزەنتلىرى قاتارلىق يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە پارچە سېتىش دورىخانىلىرىدا داۋالىنىش، دورا سېتىۋېلىشتا كۆرۈلگەن شەخسىي ئۈستىگە ئالىدىغان داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆلەيدۇ ھەمدە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش قاتارلىق خىراجەتلەرنى تۆلەيدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۆلەتلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى «داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋاقتىدا راسچوت قىلىش» قاتارلىق بىر تۈركۈم يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

دۆلەتلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى يېقىندا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ساھەسىدىكى «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» نىڭ 2025-يىللىق تۇنجى تۈركۈمدىكى نۇقتىلىق ئىشلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى،