قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى
چاغانلىق تىرانسىپورت باشلانغاندىن تارتىپ 2-ئاينىڭ 14-كۈنگىچە، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يوللاردا جەمئىي 413 مىليون ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلدى. 2-ئاينىڭ 15-كۈنى قايتىش سەپىرىدىكى يولۇچىلار يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلدى، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يوللاردا 15 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلۇشى مۇمكىن، يولۇچىلار پويىزىدىن 1145 كۆپەيتىپ سەپلەندى.
ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان، تولۇق توك بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان، چوڭقۇر سۇدا مۇھىت ئاسرايدىغان، سۇ سۈمۈرىدىغان لاي قېزىش پاراخوتى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى جياڭسۇنىڭ چىدۇڭدىكى چاڭجياڭ دەرياسى سۇ رايونىدا سۇغا چۈشۈرۈلدى، «لاي قېزىش» پاراخوتى تېز سۈرئەتتە قۇراشتۇرۇلدى ۋە چۈشۈرۈلدى، يۈك ئاپتوموبىلى ياكى تۆمۈر يول ئارقىلىق توشۇلدى، بۇ ئارقىلىق ئەنئەنىۋى چوڭ تىپتىكى لاي قېزىش پاراخوتلىرىنىڭ سۇ يولىنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا تايىنىۋېلىش بۇزۇپ تاشلاندى.
2-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە شېنجېندا ئۆتكۈزۈلگەن 2025-يىللىق ئاسىيا پۇتبول بىرلەشمىسى U20 ئاسىيا لوڭقىسى A گۇرۇپپىسىنىڭ 2-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى ئىككىگە قارشى بەش نەتىجە بىلەن قىرغىزىستان كوماندىسىنى يېڭىپ، ئۇدا ئىككى قېتىم سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىپ، يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيانقى U20 ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن تەڭلەشتى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا