«نېجا 2» يەر شارى كىنو تارىخىدىكى بېلەت كىرىمىدە ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىردى
تور سۇپىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچ سائەت توققۇزدىن 14 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، ئالدىن سېتىلغان بېلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2025-يىللىق كىنو بېلەت كىرىمى 20 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، جۇڭگو كىنوچىلىق تارىخىدىكى يىللىق بېلەت كىرىمى 20 مىليارد يۈەندىن ئەڭ تېز ئېشىش رېكورتى يېڭىلانغان. «نېجا-سېھىرلىك بالىنىڭ دېڭىزنى مالىمان قىلىشى» ناملىق فىلىم %59.4 لىك بېلەت كىرىمى نىسبىتى بىلەن بىراقلا ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.
2-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر سائەت 5 كىچە، «نېجا-سېھىرلىك بالىنىڭ دېڭىزنى مالىمان قىلىشى» ناملىق فىلىمنىڭ بېلەت كىرىمى 11 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، يەر شارى كىنو بېلەت كىرىمىدە ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىردى. بۇ، ئېلىمىزنىڭ كىنو تارىخىدىكى تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش ھېسابلىنىدۇ.
نېجا ئوتلۇق چاققا دەسسەپ تۇرغان، قولىدا خىسلەتلىك ھالقا تۇتقان، بېلىگە خۈنتيەن شايىسى يۆگىۋالغان ئۈچ ياشلىق بالا بولۇپ، جۇڭگولۇقلارغا ئىنتايىن تونۇش رىۋايەتلىك شەخس، 2025-يىلى باھار كىرىشى بىلەن ئۇ يەنە ئارقا-ئارقىدىن رىۋايەت ياراتتى.
2-ئاينىڭ 7-كۈنى يەر شارى كىنو تارىخىدىكى يەككە بازار بېلەت كىرىمى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەندىن تارتىپ، 2-ئاينىڭ 13-كۈنى بېلەت كىرىمى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشقىچە، «نېجا 2» ناملىق كىنو ئېلىمىزنىڭ كىنو تارىخىدا تارىخىي بۆسۈش ھاسىل قىلدى. «جۇڭگو كىنو گېزىتى»نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى جاڭ جىنفېڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇ، جۇڭگو كىنوچىلىقىنىڭ ھوللىۋود فىلىملىرىنىڭ يەر شارى تىزىملىكىدىكى مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ دېدى.
شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ، «نېجا 2» ئاۋسترالىيە، يېڭى زېللاندىيە، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق چەتئەل بازارلىرىدا رەسمىي قويۇلۇپ، دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، بارغانسېرى ئۇتۇق قازاندى. ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدىكى مەلۇم كىنوخانىنىڭ دىرېكتورى كامىرون ۋۇدخاۋس «نېجا 2» ناملىق كىنونى كۆرۈش نىسبىتى داۋاملىق يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ، كىنوخانىمىز قويۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ دېدى.
جۇڭگو سەنئەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ پىروفېسسورى جى فېينا بۇ نەتىجە كەسىپ ئىچى-سىرتىدىكىلەرگە جۇڭگو كىنوچىلىقىنى قايتىدىن تونۇتۇشقا كۇپايە دېدى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار