جايلار يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنى كۈتۈۋالدى
جايلار يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارغا «ئوقۇش باشلاشنىڭ تۇنجى دەرسى»نى جانلىق ئۆتتى.
يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلاندى، ئەنياڭ شەھەرلىك چىغىناق- تارغاق يېزىقى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى دەرسخانىسىدا ئوقۇغۇچىلار تەسەۋۋۇر كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆزلىرىنىڭ قىشلىق تەتىللىك ئىجادىي تاپشۇرۇقلىرىنى تولۇقلىدى. ئوقۇغۇچى ليۇ خاۋجېڭ: مېنىڭ بۇ ئەسىرىم قەغەز قىيما، بۇنىڭ ئۈستىدە چىغىناق-تارغاق يېزىقىدىكى خەت بار، بۇ خاتىرجەملىك، خۇشاللىقتىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ جەرياندىن تولىمۇ ھۇزۇرلاندىم، دېدى.
مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى يىن جۈەنجۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چىغىناق-تارغاق يېزىقى بىلەن نام بېرىلگەن تۇنجى باشلانغۇچ مەكتەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوقۇش باشلانغان تۇنجى كۈنى، مەكتەپ چىغىناق-تارغاق يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئالاھىدە دەرسلەرنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلاپ، ئوقۇغۇچىلارنى قويۇق مەدەنىيەت كەيپىياتى ئىچىدە يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى تۇنجى دەرسنى باشلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. مەسىلەن چىغىناق-تارغاق يېزىقى ئىجادىيىتى، چىغىناق- تارغاق يېزىقى خەتتاتلىقى، چىغىناق-تارغاق يېزىقى ئويمىچىلىقى ھەمدە مەيداندا چىغىناق-تارغاق يېزىقى باش تېمىسىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلغان بىر قىسىم پائالىيەت دەرسلىرى بالىلارنى ئازادىلىككە ئىگە قىلدى ۋە قىزىقتۇردى.
ئوقۇش باشلانغان تۇنجى كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھىرى فېڭخۇا رايونى يۆلىن مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى بالىلار يىلان يىلى ئامىلى بار ئالاھىدە كىيىملەرنى كىيىپ، قوللىرىغا پانۇس، قەغەز ئايروپىلانلارنى ئېلىپ مەكتەپكە كىردى، قەغەز ئايروپىلانلارغا يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى ئارزۇ-ئارمانلار يېزىلغانىدى.
يۆلىن مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپى «يىلان ئۇسسۇلى بىلەن يېڭى سەھىپە ئېچىش، بالىلىق قەلبى بىلەن ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش»نى باش تېما قىلىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت پۇرىقىغا تولغان ئوقۇش باشلاش تۇنجى دەرسىنى ئۆتتى. شادىيانە بالىلار ناخشىسىغا ئەگىشىپ، قەغەز ئايروپىلان بوشلۇقتا گۈزەل ياي ھاسىل قىلىپ، بالىلارنىڭ ئارزۇسى بىلەن يىراقلارغا ئۇچۇرۇلدى. يۆلىن مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى جياڭ ۋېيدۇڭ مۇنداق دېدى: بىز مۇشۇنداق مۇراسىم ئارقىلىق بالىلارنى ئاكتىپ، ئوچۇق روھىي ھالەت بىلەن پەن-تېخنىكىغا قۇچاق ئېچىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئارزۇغا ئىنتىلىپ، ئۆزىگە تەۋە رەڭدارلىقنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت