ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاممىنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى
خاربىن ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېلىپ كەلگەن قار-مۇز قىزغىنلىقى داۋاملاشماقتا. چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 934 قار تېيىلىش مەيدانىدا ساياھەتچىلەر بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشقان.
«چېڭدۇدىكى قار مۆجىزىسى» ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب رايونىدىكى ئەڭ چوڭ زال ئىچى قار تېيىلىش مەيدانى، تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ مەسئۇلى جى شېڭشىڭ مۇنداق دېدى: ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەسىرىدە، قار تېيىلىشقا كەلگەن ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. قار تېيىلىش مەيدانىغىمۇ مەخسۇس قار تېيىلىش تىرېنېرلىرى كۆپەيتىلىپ، ئوخشىمىغان قار تېيىلىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى.
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئالاقىدار تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن تارتىپ 2024-يىلى 4-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىش نىسبىتى %22.13 كە، قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشقانلار 313 مىليونغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 2023-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە بولغان قار پەسلى، 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاممىۋى قار-مۇز پەسلى مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشقانلار 264 مىليونغا يەتكەن. دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى قىشلىق تەنھەرىكەت باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېي مۇنداق دېدى: قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى نامايان بولدى، بۇ قار-مۇز ئىستېمال بازىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قار-مۇز تەنھەرىكىتىدە «جەنۇبتا قانات يايدۇرۇش، غەربتە كېڭەيتىش، شەرقتە كىرگۈزۈش ئىستراتېگىيەسى» چوڭقۇر يولغا قويۇلۇش ئارقىلىق، قار-مۇز تەنھەرىكىتى مەيدان ئەسلىھەلىرى پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭىيىپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ قىزغىنلىقى ۋە قاتنىشىش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە پۇقراۋى ئەندىزە بويىچە تىجارەت قىلىدىغان 25 زال ئىچى قار-مۇز تەنھەرىكىتى سارىيى بار ئىكەن. گۇاڭجۇ تيەنخې يولى سودا چەمبىرىكىنىڭ خىزمەتچىسى لېي ۋەنچيەن مۇنداق دېدى: جەنۇبتا «قار-مۇز تەنھەرىكىتى + سودا چەمبىرىكى مەدەنىيەت ساياھىتى» يېڭى كەسىپ ھالىتى، شۇنداقلا بىر يېڭى مۇسابىقە يولى. بۇ يىلقى چاغان ۋە ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، قار-مۇز تۈرىمىزدىكى يولۇچىلار بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 ئەتراپىدا ئاشتى.
ۋاڭ لېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ ئاممىۋى قار-مۇز تەنھەرىكىتى«سىياسەت ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش»تىن «ئېھتىياج ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش»قا قاراپ بۇرۇلۇش ياساپ، ئومۇمىي خەلققە يۈزلىنىش، كەسىپلىشىشتەك يېڭى مەنزىرە بارلىققا كەلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، «14-بەش يىل» نىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدە قار-مۇز ئىستىراھەت ساياھىتى قىلىدىغانلارنىڭ سانى 520 مىليون ئادەم قېتىمغا، قار-مۇز ئىستىراھەت ساياھىتى كىرىمىنىڭ 720 مىليارد يۈەنگە يېتىشىدىن ئۈمىد بار.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت