جايلار باش باھاردىكى يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى
باش باھار مەزگىلىدە، جايلار ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مۇلازىمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تور ۋە تور سىرتىدا تەڭ كۈچ چىقىرىپ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا تۇتاشتۇرۇش سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كۈچ قوشتى.
يېقىندا، دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتى ۋە 2025-يىلى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئەتىيازلىق خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى شىجياجۇاڭدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ قېتىمقى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى 15 مىڭدىن ئارتۇق يۇقىرى سۈپەتلىك ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشقا كەلگەن بىر كارخانىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سۇڭ جۈنجيەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئاساسلىقى ئاۋىياتسىيە پەن-تېخنىكىسى جەھەتتىكى تەتقىق قىلىش-ياساش ۋە ئاۋىياتسىيە تۈرىدىكى ئالدىنقى باسقۇچلۇق باشقۇرۇشقا دائىر ئىش ئورۇنلىرىغا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىمىز. قىسقىغىنا بىر سائەت ئىچىدە يۈزگە يېقىن كىشىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى تاپشۇرۇۋالدۇق، ئۇلارنىڭ ئۆگەنگەن كەسپى خىزمىتىمىزگە ناھايىتى ماس كېلىدىكەن.
بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىش يىغىنى تور ۋە تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلدى، توردا «ئەتىيازلىق خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش» 3-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ، تەكلىپ قىلىشقا قاتناشقان كارخانا 800 دىن ئاشىدۇ.
جياڭسۇ ئۆلكىسى ياڭجۇ شەھىرىنىڭ 2025-يىللىق 2-مەيدان باش باھاردىكى چوڭ تىپتىكى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى يېقىندا ئۆتكۈزۈلدى. چوڭ تىپتىكى مەركەز كارخانىلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى، ئەقلىي ياسىمىچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە كارخانىلىرى قاتارلىق 122 نۇقتىلىق كارخانا 778 ئەلا سۈپەتلىك ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، 3889 ئادەم قوبۇل قىلىدۇ. جياڭسۇدىكى بىر ماشىنىسازلىق شىركىتىنىڭ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش خاس خادىمى تۇ چيەن مۇنداق دېدى: ھازىر رەقەملىك تىزگىنلەيدىغان ئىستانوك، مەشغۇلات ئورنى قاتارلىق بىر قىسىم قىزىق نۇقتىلىق ئىش ئورۇنلىرىغا نىشانلىق تەكلىپ قىلىۋاتىمىز، ئۇلار باشقۇرۇش ئورنى ياكى بىر قىسىم تېخنىكا ئورۇنلىرىغا بېرىپ قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرسا بولىدۇ.
ياڭجۇ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى كارخانا ۋەكىللىرىنى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ تەكلىپ قىلىش ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ، «بۇلۇت»تا خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرگە ئىش ئورنىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ماس كېلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك جەلپ قىلىشىغا ياردەم بەردى. ياڭجۇ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاۋ بىن مۇنداق دېدى: شەھەر بىلەن ناھىيەلەر ھەمتۈرتكە بولۇپ، كۆپ مەيدان تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق، شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يەنە مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى، تۇرمۇش ياردەم پۇلى، ئۆي سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى قاتارلىق مەخسۇس سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشى، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى.
خېنەن ئۆلكىسىنىڭ 2025-يىللىق ئەتىيازلىق چوڭ تىپتىكى ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش يىغىنى يېقىندا جېڭجۇدا ئۆتكۈزۈلدى، 200 دىن ئارتۇق كارخانا 26 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، بىيو تېببىي دورا قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى 10 مىڭغا يېقىن خىزمەت ئىزدىگۈچىنى نەق مەيداندا تەكلىپ قىلىشقا جەلپ قىلدى. نەق مەيداندا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت رايونى تەسىس قىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەندى.«رەقەملىك ئەقلىي ئىشقا ئورۇنلىشىش» مۇلازىمەت رايونىدا، نۇرغۇن خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر تېز تەكلىپ قىلىش ماشىنىسى ئارقىلىق قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئالاقىدار كارخانىلارغا سۇندى.
خىزمەت ئىزدەش ماشىنىسىغا ئىزدىمەكچى بولغان خىزمەت، مائاش، ئورۇن قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېيتىپ بەرسە، خىزمەت ئورنىنى ئەقلىي ماسلاشتۇرالايدۇ. ھازىر بۇ تېز تەكلىپ قىلىدىغان خىزمەت ئىزدەش ماشىنىسىدا نەچچە ئون مىڭ كارخانا، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئۈنۈملۈك ئىش ئورنى بار. خىزمەت ئىزدىگۈچى ۋاڭ ياۋېن: AI رەقەملىك ئادەمنىڭ يېتەكلىشى بىلەن چىراي تونۇتۇپ 10 سېكۇنتتىن كېيىن يان تېلېفونۇمغا قىسقا ئۇچۇر كەلدى، دېدى.
ھازىرغىچە، خېنەننىڭ ھەر قايسى جايلىرى بۇ يىل تور ۋە تور سىرتىدا 1300 مەيداندىن ئارتۇق مەخسۇس خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى تەشكىللەپ، 2 مىليوندىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. خېنەن ئۆلكىلىك ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چېنياڭ: ئەمدى بىز يەنە بىر قاتار چوڭ تىپتىكى تەكلىپ قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى كاپالەت ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز، دېدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا