ئېلىمىزنىڭ يېنىك سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى ياخشى بولدى
2024-يىلى ئېلىمىزنىڭ يېنىك سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، ئىچكى-تاشقى سودا بازىرىنىڭ كۆلىمى مۇقىم كېڭىيىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى داۋاملىق ئەلالىشىپ، دەرىجىسى ئۆسۈپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا كۈچلۈك تىرەك بولدى.
جۇڭگو يېنىك سانائەت بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2024-يىلى كۆلەملەشكەن يېنىك سانائەت كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 23 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.0 ئاشقان. 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن پايدا يارىتىلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.3 ئاشقان. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئىستاتىستىكا قىلغان 91 خىل ئاساسلىق يېنىك سانائەت مەھسۇلاتى ئىچىدە 55 خىل مەھسۇلاتنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى قاتارلىقلارنىڭ تۈرتكىسىدە، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان كىرئالغۇ، توڭلاتقۇ قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ مىقدارى بىر قەدەر تېز ئاشقان.
ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ ئۈنۈم بېرىشىگە ئەگىشىپ، يېنىك سانائەت بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى تەدرىجىي ئاشتى. 2024-يىلى، 11 تۈردىكى يېنىك سانائەت تاۋارلىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 8 تىرىليون يۈەنگە يېقىنلىشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۈن-سىن ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلار ئۇدا تۆت ئاي يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئۆتكەن بىر يىلدا، يېنىك سانائەت تاۋارلىرىنىڭ ئېكسپورت كۆلىمى داۋاملىق كېڭىيىپ، پۈتۈن كەسىپنىڭ ئېكسپورت سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.6 ئاشتى. 21 چوڭ تۈردىكى كەسىپ ئىچىدە، 13 كەسىپنىڭ ئېكسپورت سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىپ، تاشقى سودا ئېكسپورتىدا ئەۋرىشىملىكنى ساقلىدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت