ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنى تىزىملاش ئارخىپىنى باشقۇرۇش چارىسى» ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-02-18 10:36

  بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىلەن دۆلەتلىك ئارخىپ ئىدارىسى يېقىندا «تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنى تىزىملاش ئارخىپىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىپ، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ رايون ئاتلاپ يۆتكىلىشىگە قولايلىق ياراتتى. «چارە»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى كۆچۈپ بارغان جايدىكى تىزىملاش ئورگىنىغا ئۆزگەرتىپ تىزىملاش، كۆچۈپ كىرىشنى تىزىملاش ئارخىپى تۇرغۇزۇشنى ئىلتىماس قىلىدۇ، كۆچۈپ بارغان جايدا تەكرار ئىلتىماس قىلىش ھاجەتسىز؛ كۆچۈپ كىرگەن، كۆچۈپ چىققان جايدىكى تىزىملاش ئورگانلىرى تۇتاشتۇرۇش ۋە ئارخىپ يۆتكەشنى ياخشى ئىشلىشى، تىزىملاش ئارخىپىنى يۆتكەشكە چەك قويماسلىقى ۋە توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك؛ كۆچۈرۈش تەرتىپىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، تىزىملاش ئارخىپىنى يۆتكەشنى توردا بېجىرىشنى يولغا قويۇپ، كۆچۈپ كىرگەن جايدىكى تىزىملاش ئورگىنىنىڭ تىزىملاش ئارخىپىنى تور ئارقىلىق كۆرسە بولىدىغانلىقىنى، كۆچۈش مەزگىلىدە تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ كۆچۈپ كىرگەن جايدا تىزىملاش كەسپىنى بىۋاسىتە بېجىرسە بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.«چارە» بۇ يىل 3-ئاينىڭ 20-كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.

  تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

  سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنى تىزىملاش ئارخىپىنى باشقۇرۇش چارىسى» ئېلان قىلىندى

بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىلەن دۆلەتلىك ئارخىپ ئىدارىسى يېقىندا «تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنى تىزىملاش ئارخىپىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىپ،