جايلار ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈردى
يىلنىڭ ئىشى باھاردىن باشلىنىدۇ. ھازىر مەملىكەت بويىچە ئەتىيازلىق ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشى ۋە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلۇپ، پۈتۈن يىلدا مول ھوسۇل ئېلىشتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تىرىشماقتا.
بۇغدايلار ئارقا-ئارقىدىن كۆكىرىش مەزگىلىگە كىردى، ھەر قايسى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشىنى ياخشى ئىشلىدى. خېنەن ئۆلكىسى يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تەشكىللىدى، جۇكۇنىڭ دەنچېڭ ناھىيەسىدە، تېخنىكلار دېھقانلارنىڭ مايسىلارغا كۆكلەش ئوغۇتى بېرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، مايسا ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. شەندۇڭدا 60 نەچچە مىليون مو كۈزگى بۇغداي ئارقا-ئارقىدىن كۆكەردى، لياۋچېڭنىڭ گۇەنشيەن ناھىيەسىدە، شۇ جاي دېھقانلارنى ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەشكە تەشكىللەپ، ئاشلىق مەھسۇلاتىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئەنخۇيدىكى 43 مىليون مودىن ئارتۇق ئۆسۈش ھالقىلىق مەزگىلىگە كىردى، بۇ يىل شۇ جاي كۆپ سىپېكتىرلىق فوتو ئاپپارات ئورنىتىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىق يېڭى ئۈسكۈنە، يېڭى تېخنىكىلارنى كېڭەيتىپ، مايسىلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت ئۆلچەپ، سۇ، ئوغۇت تېجەپ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشنى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. قىش كىرگەندىن بۇيانقى ھۆل-يېغىن ئاز بولۇش ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، جياڭسۇدىكى نۇرغۇن جايلاردىكى سۇ ئامبارلىرى چۈشۈرگىنى ئېچىپ سۇ قويۇپ بېرىپ، ئەتىيازلىق سۇغىرىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، دەل ئوغۇتلاش، سۇ تېجەپ سۇغىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپ، يېڭى بىر يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا پۇختا ئاساس سېلىندى. گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى قاتارلىق جايلاردا چىلگە شال مايسىسى يېتىشتۈرۈلۈشكە باشلىدى، بۇ يىل گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى مەركەزلەشتۈرۈپ مايسا يېتىشتۈرۈشنى يەنىمۇ ئومۇملاشتۇردى، ئۆلكە بويىچە مەركەزلەشتۈرۈپ مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزىدىن 70نى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. غەربىي شىمال، گەنسۇ، نىڭشيا قاتارلىق جايلاردىكى يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، ئۇرۇق قاتارلىق تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى پائال تەڭشەپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇدىكى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. خۇنەننىڭ نۇرغۇن جايلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتىنى كۈچەيتتى، دۇڭتىڭخۇ كۆلى رايونىغا جايلاشقان يۈەنجياڭ نۇرغۇن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنى ئاسراش، تەڭشەش ۋە رېمونت قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت