«مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان بىر يىل»── جو چاڭلى: «ياشانغانلار، بالىلار» ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت تۇيغۇسى ئاشۇرۇلسا
«مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان بىر يىل»── شەندۇڭدا ئائىلە مۇلازىمىتى كەسپى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 20 نەچچە يىل بولغان، «ياشانغانلار، بالىلار» مەسىلىسىگە كۆپ قېتىم كۆڭۈل بۆلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جو چاڭلى
چاغانلىق دەم ئېلىش ئاخىرلىشىشى بىلەن جو چاڭلى جىنەندىكى ئىككى بالىنىڭ ئانىسى ۋاڭ مياۋمياۋنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئائىلە مۇلازىمىتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ۋاڭ مياۋمياۋ ۋە ئۇنىڭ يولدىشى خىزمەتچى بولۇپ، چوڭ ئوغلى ئەمدىلا باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەن، كىچىك ئوغلى ئەمدىلا بىر ياشتىن ئاشقان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەجرىبىسى مول، ماھارىتى ئەتراپلىق ئائىلە مۇلازىمەتچىسى تېپىش تولىمۇ زۆرۈر ئىدى.
جو چاڭلى بۇ جەرياندا، ۋاڭ مياۋمياۋ ئېيتقان بۇ «غەم-ئەندىشە»نىڭ ئايرىم مىسال ئەمەسلىكىنى بايقىدى. 2024-يىلى شەندۇڭ ئۆلكىسىدە دائىمىي نوپۇس 101 مىليونغا يېقىنلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، 70 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار 11 مىليون 180 مىڭغا، نۆل ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بوۋاقلار، بالىلار 2 مىليونغا يېقىنلاشتى، «ياشانغانلار،بالىلار» نىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئېھتىياجى بار ئائىلىلەر بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلاندى. 2024-يىلى ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدە ئائىلە مۇلازىمىتى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 20 مىليوندىن ئاشقان. شۇڭا جوچاڭلى 2024-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، «كەسىپ ئۇچىنىڭ رولىنى كۈچەيتىپ، ئائىلە مۇلازىمىتى ساھەسىدە كەسىپ بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇزاق ئۆتمەي، مائارىپ مىنىستىرلىقى جو چاڭلىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، كەسىپ بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسپىي ئائىلە مۇلازىمەتچىلىرىنى تەربىيەلەش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شەندۇڭ ئۆلكىسىمۇ ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئائىلە مۇلازىمەت كارخانىلىرى بىلەن كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك شۆيۈەنلىرى، كەسىپلىرى، ئەمەلىي مەشىق بازىلىرى، تەربىيەلەش بازىلىرى قاتارلىقلارنى تەڭ قۇرۇشىنى قوللاپ، زامانىۋى شاگىرتلىق تۈزۈمى، زاكاز بويىچە تەربىيەلەشنى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن مەكتەپ بىلەن كارخانا يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى ئورتاق تەربىيەلىدى. 2024-يىلى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ بۇ سىياسەتلىرى ئائىلە مۇلازىمەتچىلىرى ۋە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق نەپ يەتكۈزدى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ «ياشانلغانلار، بالىلار» ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ئائىلە مۇلازىمىتى قىلىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.
بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، جو چاڭلى «ياشانغانلار، بالىلار» مۇلازىمىتىگە دائىر تەمىنات ۋە كاپالەتكە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، يېزا ئەمگەكچىلىرىنى تەربىيىلەش، نۆل ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بوۋاقلار ۋە 70 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارغا ئىستېمال تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە ئالاقىدار تەكلىپلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا