يولداش زۇ جياخۇا ۋاپات بولدى
جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش سېپى، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى سېپى ۋە سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەر، جۇڭگو كومپارتىيەسى 14-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى، 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش زۇ جياخۇا كېسەل سەۋەبىدىن 2025-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 23 تىن 42 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا 99 يېشىدا ۋاپات بولدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا