ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«نېجا 2» دۇنيا كارتون فىلىم بېلەت كىرىمى تىزىملىكىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-02-19 10:46

  ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشكىچە، «نېجا-سېھىرلىك بالىنىڭ دېڭىزنى مالىمان قىلىشى»ناملىق فىلىمنىڭ بېلەت كىرىمى 12 مىليارد 358 مىليون يۈەنگە يېتىپ، دۇنيا كارتون فىلىم بېلەت كىرىمى تىزىملىكىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. بۇ فىلىم 2-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە شياڭگاڭدا تۇنجى قېتىم قويۇلدى، مەيداندا بىرمۇ بوش ئورۇن قالمىدى. شياڭگاڭلىق تاماشىبىنلار«نېجا-سېھىرلىك بالىنىڭ دېڭىزنى مالىمان قىلىشى»ناملىق فىلىمدە جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە مەنىۋى كۈچى ھەقىقىي نامايەن قىلىنىپتۇ، دېيىشتى. ئۇلار: جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جۇڭگو مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى ۋە تەۋەلىك تۇيغۇسى بىزنى پەخىرلەندۈردى، دېدى.

  تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

  سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«نېجا 2» دۇنيا كارتون فىلىم بېلەت كىرىمى تىزىملىكىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشكىچە، «نېجا-سېھىرلىك بالىنىڭ دېڭىزنى مالىمان قىلىشى»ناملىق فىلىمنىڭ بېلەت كىرىمى 12 مىليارد 358 مىليون يۈەنگە يېتىپ،