«مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان بىر يىل» ── يېڭى ئۆيدىن لەغمەنگىچە
«مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان بىر يىل» ── يېڭى ئۆيدىن لەغمەنگىچە
ـــ بۇ ئۆي قانداقراق ئىكەن؟ قانداق مەسىلە بولسا ۋاقتىدا ماڭا دەڭ.
چاغان كەيپىياتى تېخى تۈگىمەي تۇرۇپلا، ما شىگۇڭ ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى جىشىشەن ناھىيەسىدە 6.2 بال يەر تەۋرەپ، چىڭخەي ئۆلكىسى خەيدۇڭ شەھىرى شۈنخۇا ناھىيەسى بەيجۇاڭ بازىرى سۇخۇسا كەنتىدىكى نۇرغۇن ئۇل ئەسلىھەلەر، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرى بۇزۇلدى. ئۆتكەن بىر يىلدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «ياخشى ئولتۇراقلىشىش» مەسىلىسى-پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ما شىگۇڭنىڭ قەلبىنى ئىزچىل چىرمىۋالدى.
ما شىگۇڭ مۇنداق دېدى: جىشىشەن ناھىيەسى بىلەن كەنتىمىزنىڭ ئارىلىقى 19 كىلومېتىر كېلىدۇ، كەنتىمىزدە ئاپەتكە ئۇچرىغان كۆلەم بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، 254 ئائىلىنىڭ ھەممىسى ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىدى.
ئۆتكەن يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا ما شىگۇڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش ۋە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش تەكلىپىنى بەردى، بۇ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى. ما شىگۇڭ بىر يىلدىن بۇيان، كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ، پۇقرالارنى كۆڭلىدىكىنى ئىپادىلەش، مەبلەغنى دەل جايىغا ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
ما شىگۇڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى، كەنتىمىز 12 مىليون يۈەندىن كۆپرەك ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشقا ياردەم بېرىش ۋە قۇتقۇزۇش مەبلىغىگە ئىگە بولدى، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، بىز ئەل رايىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردۇق، ئۆيلەرنى كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىرى لايىھەلىدى. ھازىر ئاپەتكە ئۇچرىغان پۇقرالار يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، ئەسلىدىكى سوقما تاملار خىش تاملارغا ئۆزگەردى، پۇقرالار رازىمەنلىك بىلەن، بىزگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى.
«خاتىرجەم ئولتۇراقلاشىش» ھەم «خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى. سۇخۇسا كەنتى يىراق يېقىنغا داڭلىق «لەغمەن كەنتى»، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، كەنت ئاھالىلىرى كالا گۆشى ئۈگرىخانىسىنى شاڭخەي، شېنجېن، شىئەن، خاڭجۇ قاتارلىق جايلارغا ئېچىپ، كەنتتىكى 700 گە يېقىن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىدە، ئۆتكەن يىلى نۇرغۇن كىشىلەر ئاشخانىسىنى ۋاقتىنچە تاقاپ كەنتكە قايتىپ كەلدى. ما شىگۇڭ زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، كەنتنىڭ «لەغمەن ئىقتىسادى»نىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنىڭ قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا قالغانلىقىنى بايقىدى.
ما شىگۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەن «تۆتتە بۇرۇلۇش ياساش» ئارقىلىق لەغمەن ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، لەغمەن كەسپىنىڭ سان جەھەتتە جۇغلىنىشتىن سۈپەت جەھەتتە ئۆسۈشكە قاراپ بۇرۇلۇش ياسىشىغا تۈرتكە بولۇش، يەككە ئىشلەشتىن كوللېكتىپ ھەمكارلىشىش، بازارلىشىش، كەسىپلىشىشكە قاراپ بۇرۇلۇش ياساش، يەككە تەرەققىي قىلىشتىن ھەمتۈرۈتكە بولۇشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياساش، مەھسۇلاتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن مەدەنىيەت ماركېتىڭىغا قاراپ بۇرۇلۇش ياساش تەكلىپىنى بېرىمەن.
كەنتتىكى يۇرتداشلارنى تېخىمۇ ياخشى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈرۈش، «تېخنىكا تەركىبى»تېخىمۇ يۇقىرى كالا گۆشى ئۈگرىسى تەييارلاش ما شىگۇڭ ئۆتكەن بىر يىلدا ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن ئىككى ئىش ئىدى. تۇرالغۇ ئۆي ۋە خىزمەت- سۇخۇسا كەنتى ھەتتا يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايوندىكى نۇرغۇن پۇقرالار ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن ئىككى ئىش ئىدى. ئاممىنىڭ «كۆڭلىدىكى ئىش»نى ئۆزىنىڭ «غېمى»دەپ بىلىش-ما شىگۇڭنىڭ كۆپچىلىك ئىشىنىدىغان كەنت كادىرى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇشىدىكى ئەڭ ئاددىي سىرى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا