ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى: تۈرلۈك بازار ئاساسىي گەۋدىلىرىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغدايمىز

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-02-19 10:45

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: 2024-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلار، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى قاتارلىق تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغداپ، قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق جەمئىيەت كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بازار ئىشەنچىنى ئۇرغۇتتى.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش تەپتىش گې شياۋيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2024-يىلى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەرز-شىكايەت تەپتىش تارماقلىرى توپلىغان 1500 دىن ئارتۇق پايدا ئېلىش خاراكتېرلىك قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش يىپ ئۇچىنى بىرمۇ بىر تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىپ، تەكشۈرۈپ تاللاپ چىققان 31 نۇقتىلىق دېلونى تۆت تۈركۈمگە بۆلۈپ ئالاقىدار جايلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇپ بەردى. ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش جەريانىدا ساقلانغان مەسىلىلەر بايقالغان بېجىرىشكە تاپشۇرۇلغان دېلولارغا قارىتا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جياڭشى، يۈننەن، گەنسۇ، ئىچكى موڭغۇل، خۇبېي، خۇنەن قاتارلىق جايلارغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى، خىزمەت گۇرۇپپىسى نەق مەيداندا دېلو تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

  گې شياۋيەن مۇنداق دېدى: 2024-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 21 دېلو بېجىرىلدى، ئىككى دېلودا مۇھىم ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، 570 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مال مۈلۈك بىكار قىلىندى، پېچەتلەندى، تۇتۇپ قېلىندى ۋە توڭلىتىلدى.

  تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

  سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى: تۈرلۈك بازار ئاساسىي گەۋدىلىرىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغدايمىز

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: 2024-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلار، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى قاتارلىق