ئېلىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشتە ئىجابىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى
مۇخبىرنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇلغان ئۆتكۈنچى مەزگىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش رايونىدىكى 540 مىڭدىن ئارتۇق كۆزىتىش ئوبيېكتى قايتا نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپىنى مۇقىم تۈگەتكەن، باشقا كۆزىتىش ئوبيېكتلىرىمۇ ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەۋپ-خەتەرنى ئومۇمىي جەھەتتىن كونترول قىلغان. مەركەز مالىيەسى جەمئىي 673 مىليارد 100 مىليون يۈەن جىپسىلاشتۇرۇش مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياردەم بېرىدىغان، يۆلەيدىغان كەسىپلەرنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتقان، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆلىمى مۇقىم ئاشقان، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەلەردىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا تۆت يىل پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولغان.
بۇ يىل بەش يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىلى، جايلار ۋە تارماقلار بۈيۈك مەلۇمات ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش ۋە ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى سىجىل ئەلالاشتۇرىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش جەھەتتە، ناھىيە تەۋەسىدىكى ئۆزگىچە يېتەكچى كەسىپلەرنى پۈتۈن زەنجىر بويىچە ئېچىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ئامباردا يېڭى پېتى ساقلاش، سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق يېتەرسىزلىكلەرنى تېزدىن تولۇقلاشقا مەدەت بېرىلىدۇ.
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ياردەم بېرىش-يۆلەش جەھەتتە، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەمكارلىقى، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىقى ئىش ئورنى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ياردەم بېرىش-يۆلەش سېخى ۋە ئىش تېپىپ بېرىش يولى بىلەن قۇتقۇزۇش تۈرىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، 30 مىليوندىن ئارتۇق ئىشلەمچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
دۆلەتنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىدىغان 160 ناھىيە، 35 مىڭ باشقا جايغا كۆچۈرۈپ مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش رايونى قاتارلىقلارغا مەدەت بېرىش سالمىقى سىجىل ئاشۇرۇلۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكى چىڭ ساقلىنىدۇ.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت