دۆلەتلىك سانلىق مەلۇمات ئىدارىسى: ئاساسىي قاتلام مەلۇمات جەدۋىلى سانلىق مەلۇماتىنى «پەقەت بىر قېتىم يوللاش» نى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى سانلىق مەلۇماتىدىن تەڭ بەھرىلىنىشنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك
دۆلەتلىك سانلىق مەلۇمات ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ 2-ئاينىڭ 18-كۈنى تونۇشتۇرۇشىچە، دۆلەتلىك ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى تىزىملاش سۇپىسى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.
بۇ يىل ئېلىمىز سانلىق مەلۇمات ئامىلىنىڭ بازارلىشىش قىممىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ ئاممىۋى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېچىپ پايدىلىنىش يانداش تۈزۈم قۇرۇلۇشى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى سانلىق مەلۇماتلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، سانلىق مەلۇمات ھوقۇقى بېرىپ تىجارەت قىلىش، قوللىنىشتا يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە دەسلەپكى ئىلگىرىلەش بولدى.
دۆلەتلىك سانلىق مەلۇمات ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چېن رۇڭخۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تىزىملاش سۇپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، تەمىنلىگۈچى ئورۇن تىزىملاش سۇپىسى ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات بايلىقى ۋە مەھسۇلات ئۇچۇرىنى ئېلان قىلسا بولىدۇ، ئىشلەتكۈچى ئورۇن بۇ يەرگە كېلىپ سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى ئىزدىسە بولىدۇ، كەلگۈسىدە يەنە سانلىق مەلۇمات ئېھتىياجىنى ئېلان قىلىپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرغىلى بولىدۇ.
چېن رۇڭخۇي مۇنداق دېدى: بۇ سۇپا ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇچۇر ئاشكارىلاش ۋە بايلىقنى بايقاش كۆزنىكى بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتىكىلەر بۇ يەرگە كېلىپ سانلىق مەلۇمات، مۇلازىمەت، مەھسۇلات ئىزدىسە بولىدۇ. جېجياڭ قاتارلىق ئۆلكە دەرىجىلىك سۇپىلارمۇ ئېچىلىپ بولدى، دۆلەت سۇپىسى بىلەن ماس قەدەمدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، باشقا ئۆلكە دەرىجىلىك سۇپىلار قۇرۇلۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئارقا-ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. بىزنىڭ نىشانىمىز بۇ يىل ئىچىدە مەسئۇلىيىتى ئېنىق، ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولىدىغان، يۈرۈشىشى تەرتىپلىك بولغان مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى تىزىملاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت