ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرەيلى» بېيجىڭ، سىچۈەن، چىڭخەي، خەينەن قاتارلىق جايلار ئۆگىنىش ـ تەربىيەنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-26 10:37
بېيجىڭ، سىچۈەن، چىڭخەي، خەينەن قاتارلىق جايلار مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيەنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، دائىم چىڭ تۇتۇپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىي بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.
بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم ئۆگىنىش-تەربىيەنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئەستايىدىل تۈزۈپ، پۈتۈن شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنى ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، قەتئىي، كۈچلۈك تۈزىتىپ رەتكە سېلىپ، ئۆگىنىشنىڭ سۈپەتلىك بولۇشى، تەكشۈرۈشنىڭ سالمىقى بولۇشى، ئۆزگەرتىشنىڭ ئۈنۈمى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىغا ئىستىلنى ياخشىلاش، يېڭى ئىستىل تىكلەش ئېلىپ كەلگەن يېڭى كەيپىيات، يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى تىرىشىپ ھېس قىلدۇردى. بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى تەشكىلات 4-باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خې جيەنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، دىققەتنى مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن سېلىشتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ-كۆزىتىپ، تۈزىتىپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ كۈچلۈك تەدبىرىگە ئايلاندۇرۇمىز. 
سىچۈەن كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئېچىش، مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، پۈتۈن ئۆلكىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى ھەمدە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشكە تەشكىللەپ، جايلار، تارماقلارنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا قاتتىق سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مەسىلە تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، رەتكە سېلىش، تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈردى. سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن گۈەنسۇڭ مۇنداق دېدى: تەلەپكە توغرىلىنىپ، سۈپەتلىك ئۆگىنىش، گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، مەركەزلىك تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش، دائىملىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەلىم-تەربىيە ئارقىلىق ئۆگىنىشكە ياردەم بېرىش؛ تەلەپكە توغرىلىنىپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تېپىپ چىقىپ، ئىبرەت تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىش؛ تەلەپكە توغرىلىنپ ئۈنۈملۈك ئۆزگەرتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، تۈزەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مىخ قېقىش روھى بىلەن چىڭ تۇتۇش كېرەك.
چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكوم پۈتۈن ئۆلكىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشكە تەشكىللەپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن شەكىلۋازلىقنى تۈزەشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى يەتتە نۇقتىلىق ساھە، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك جەھەتتىكى ئون مەسىلىنى تۈزەپ، مەسىلە تىزىملىكى، مەسئۇلىيەت تىزىملىكى، تۈزىتىش تىزىملىكىنى بىر-بىرلەپ تۈزۈپ، مەركەزلىك تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى تەشكىلات 1-باشقارمىسىنىڭ باشلىقى چۈەن شۇمىڭ مۇنداق دېدى: بىز قاتلام، تۈرلەر بويىچە دەل جايىدا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان قاتلام-دەرىجە، رايون، ساھە، كەسىپلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىتا، ئوچۇق تەربىيەدە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنى مەركىزىي خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرگە ئايلاندۇردۇق.
خەينەن ئۆلكىلىك پارتكوم يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، نەزەرىيە مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىشى، مەخسۇس كىتاب ئوقۇش كۇرسى قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئۆگىنىش-تەربىيەنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، مەسىلە تىزىملىكىنى رەتلەپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك، ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشتى. خەينەن ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ شياۋگاڭ مۇنداق دېدى: خەينەندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئۆگىنىش-تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، «قاتتىق بولۇش، ئەمەلىي بولۇش، ئۈنۈملۈك بولۇش» ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، كۈندىلىك ئىشلارغا سىڭدۈرۈپ، دائىم تۇتۇپ، ئۆگىنىش سۈپەتلىك بولۇش، تەكشۈرۈشنىڭ سالمىقى بولۇش، تۈزىتىش ئەمەلىي ئۈنۈملۈك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرەيلى» بېيجىڭ، سىچۈەن، چىڭخەي، خەينەن قاتارلىق جايلار ئۆگىنىش ـ تەربىيەنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلدى

«مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرەيلى» بېيجىڭ، سىچۈەن، چىڭخەي، خەينەن قاتارلىق جايلار ئۆگىنىش ـ تەربىيەنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلدى