يازلىق تەتىللىك مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئىستېمالى قىزىپ كەتتى
يازلىق تەتىل يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جايلار بىر قاتار مەدەنىيەت-ساياھەت يېڭى مەنزىرىسى، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يارىتىپ، شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەرنى مول، راھەت ساياھەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.
خېنەن مۇزېيىدا «دۆلەت گۆھىرى ئاجايىپ كېچىسى» باش تېما قىلىنغان يازلىق تەتىللىك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدۇ. خېنەن مۇزېيىنىڭ باش چۈشەندۈرگۈچىسى چېن يىڭيىڭ تونۇشتۇرۇپ: 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، مۇزېينى تاقاش ۋاقتى سائەت 17 دىن 20 گە ئۇزارتىلىدۇ، دېدى.
چېن يىڭيىڭ مۇنداق دېدى: يازلىق تەتىلدە ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغانلار بىر قەدەر كۆپ، ئېچىۋېتىش ۋاقتى ئۇزارتىلغاندىن كېيىن، ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ئالدىن كېلىشىش سانى ھازىرقى كۈنىگە 12 مىڭ ئادەم (قېتىم) دىن كۈنىگە 17 مىڭ ئادەم (قېتىم) گە كۆپەيتىلىدۇ.
كۆرگەزمە شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، چۆكمە، ئاممىۋىلاشقان كېچىلىك مەدەنىيەت بوشلۇقى بەرپا قىلىش بىلەن بىللە، ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان «كېچىلىك ئەندىزە» يەنە تاماشىبىنلارغا تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ.
جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ پىڭشياڭ شەھىرىگە جايلاشقان ۋۇگۇڭشەن مەنزىرە رايونىدا ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىگە ئاساسەن كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئېتىبار پائالىيەتلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن ساياھەتكە چىققان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلدى، جېجياڭنىڭ جىنخۇادىن كەلگەن ليۇ جىڭيى شۇلارنىڭ بىرى.
ليۇ جىڭيى: يول بويىنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ، بۇلۇت دېڭىزى قارىماققا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ پاختا كەمپۈتكە ئوخشايدىكەن، چىملىق بەك چىرايلىق ئىكەن، دېدى.
مەنزىرە رايونىنىڭ مەسئۇلى ليۇ خەيفېڭ مۇنداق دېدى: مەنزىرە رايونى يەنە مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغچىلارنى بىخەتەر، ئازادە، قىزىقارلىق ساياھەت تەسىراتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ليۇ خەيفېڭ مۇنداق دېدى: بىز ئېتىبار يۈرۈشلۈك بېلەت ۋە يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بىر قاتار مەخسۇس پائالىيەتلەرنى لايىھىلىدۇق، مەسىلەن، چېدىر بايرىمى، ياشلار مۇزىكا كېچىلىكى، تاغقا چىقىش مۇسابىقىسى، دالىدا قونۇش قاتارلىقلار، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ۋۇگۇڭشەندە ئۇنتۇلغۇسىز ياشلىق ئەسلىمىلىرىنى قالدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.
ياز پەسلى كىرىشى بىلەن، شىنجاڭ بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى نۇرغۇن ساياھەتچىنى گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىشقا، مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلىنىشقا، مىللىي ئۆرپ ـ ئادەتنى كۆرۈشكە جەلپ قىلدى. جېجياڭلىق ساياھەتچى ياڭ بېيگۇاڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ناھايىتى چىرايلىق، ئادەملىرىمۇ ناھايىتى قىزغىن ئىكەن، بۇ يەرنىڭ تاغلىرى، سۇلىرى، يايلاقلىرى بىر قەدەر گۈزەل ئىكەن.
بۇ يىل مەنزىرە رايونى يول، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى رېمونت قىلدى ۋە كېڭەيتتى، يەنە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، مىللىي ئۆرپ-ئادەت تەسىراتى، ھەقىقىي مەنزىرە تىياتىرى قاتارلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى. مەنزىرە رايونى «جاڭغىر شەرقتىكى ماكانىغا قايتىپ كەلدى» ناملىق مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش تۈرىنىڭ مەسئۇلى ليۇ جيې مۇنداق دېدى: بىز شۇ جاينىڭ ئەۋزەل تەبىئىي بايلىقى ۋە ئادىمىيەت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئىشىك ئالدىمىزدا خاس پۇقراۋى قونالغۇ بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە بۇ يەردە شەرققە قايتىش مەدەنىيىتى، جاڭغىر مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىمىز.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا