ئىراندىن چېكىنگەن جۇڭگو پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كەلگەن تۇنجى ۋاقىتلىق نۆۋەتچى ئايروپىلان بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى
ئىراندىن چېكىنگەن جۇڭگو پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كەلگەن تۇنجى ۋاقىتلىق نۆۋەتچى ئايروپىلان 6-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى، 330 جۇڭگو پۇقراسى بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن ۋەتەنگە ئوڭۇشلۇق قايتىپ كەلدى.
ئالتە سائەتتىن ئارتۇق ئۇچقاندىن كېيىن، ئىراندىن چېكىنگەن جۇڭگو پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كەلگەن تۇنجى ۋاقىتلىق نۆۋەتچى ئايروپىلان تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخابادتىن بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى. ئايروپىلاندىىكىلەر كارخانا خىزمەتچىلىرى، شۇ جايدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، سەپەردىكى جىددىيلىك ۋە خاتىرجەمسىزلىك ۋەتەن تۇپرىقىغا قەدەم قويغان ئاشۇ دەقىقىدە پەسەيدى، كۆپچىلىك دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. ئىراندىن چېكىنگەن جۇڭگو پۇقراسى ۋاڭ مىڭۋۇ مۇنداق دېدى :بىز تىنچ-ئامان، ئوڭۇشلۇق قايتىپ كېلەلىدۇق، قۇدرەتلىك ۋەتىنىمىز ھەر بىرىمىزنىڭ كاپالىتى، بۇ ھەر بىرىمىزنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتتى.
جۇڭگو پۇقراسى ۋېي تىڭ مۇنداق دېدى: ئەلچىخانا بىزگە ماڭساق بولىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، ھەممەيلەن خۇشال بولۇپ كەتتۇق. ۋەتىنىمىز قۇدرەتلىك، ۋەتەن بىزنى ئالغىلى كەلدى، شۇڭا بىز ناھايىتى خاتىرجەم بولدۇق.
جۇڭگو پۇقراسى شاڭ جيەنفېن :ۋەتىنىمىزگە رەھمەت، بىز ئاخىرى قايتىپ كەلدۇق، دېدى.
جۇڭگو پۇقراسى ليۇ جېڭ مۇنداق دېدى: چېگرادىن ئۆتكەندە ۋە ئايروپىلانغا چىققاندا، بەزىلەرنىڭ يىغلىغانلىقىنى كۆردۈم. ۋەتەن قوينىغا يەنە بىر قېتىم قايتىپ كېلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدىم، زەمبىرەك ئوتىنى باشتىن كەچۈرگەندىلا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ قىممەتلىكلىكىنى ھېس قىلىدىكەنمىز.
ھازىرغىچە، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگونىڭ ئىران، ئىسرائىلىيە ۋە ئەتراپتىكى ئالاقىدار دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرىنىڭ تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا، 2000 دىن ئارتۇق جۇڭگو پۇقراسى ئىراندىن بىخەتەر چېكىندى، نەچچە يۈز جۇڭگو پۇقراسى ئىسرائىلىيەدىن بىخەتەر يۆتكەلدى .دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى كونسۇل مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، كونسۇل جەھەتتىن قوغداش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چۈنلىن مۇنداق دېدى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بىز كېچە-كۈندۈز دېمەي، ئالاقىدار دۆلەتلەرگە خىزمەت ئىشلەپ، قېرىنداشلارنىڭ قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، ئەرمىنىيە، ئىئوردانىيە، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرگە يۆتكىلىشىگە يول ئاچتۇق. ۋەزىيەت يەنىلا تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىۋاتىدۇ، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى داۋاملىق قەتئىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىپلوماتىيەدە خەلقنى كۆزلەش مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىمىزگە ئېلىپ، خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايمىز .
كەلگۈسىدە، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە ئالاقىدار ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلار داۋاملىق پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەر يۆتكىلىشى ۋە چېكىنىشىگە ياردەملىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۆۋەتتە يەنىلا شۇ جايدا خەتەردىن ساقلىنىشنى تاللىغان بىر قىسىم جۇڭگو پۇقرالىرىغا زۆرۈر ياردەم بېرىدۇ.
تەرجىمان: قۇرباننىسا جاپپار
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا