ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2025-يىللىق خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيىنى تەڭشەش، لاي-لاتقىلارنى ئازايتىش باشلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-24 16:32

6-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شياۋلاڭدى سۇچىلىق تۈگۈنىنىڭ سۇ قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشىغا ئەگىشىپ، 2025-يىللىق خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيىنى تەڭشەش، لاي-لاتقىلارنى ئازايتىش رەسمىي باشلاندى.
خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيىنى تەڭشەش، لاي-لاتقىلارنى ئازايتىش خۇاڭخې دەرياسىدا سۇ بىلەن لاي-لاتقىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەشتىكى مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى. خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى دەريا يولىغا سۇ كېلىش ۋە سۇ ئامبىرىغا سۇ يىغىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، سۇغىرىشقا، سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە ئامبار سىغىمىنى بوشىتىش قاتارلىق نىشانلارنى ھەر تەرەپلىمە ئويلاشقاندا، بۇ قېتىمقى سۇ تەڭشەش، لاي-لاتقىلارنى ئازايتىش 17 كۈن ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە لاي-لاتقىلارنى تازىلاش مىقدارى 100 مىليون توننىغا يېتىدىكەن.
ھازىرغا قەدەر، دۆلىتىمىز جەمئىي 29 قېتىم خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيىنى تەڭشەپ ۋە لاي-لاتقىلارنى ئازايتىپ، 3 مىليارد 500 مىليون توننا لاي-لاتقىنى دېڭىزغا كىرگۈزۈپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى دەريا ئاساسىي ئوقۇرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تارىيىپ كېتىشىنى دەسلەپكى قەدەمدە توسۇپ، دەريا يولىنىڭ كەلكۈن ئاققۇزۇش، لاي-لاتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2025-يىللىق خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيىنى تەڭشەش، لاي-لاتقىلارنى ئازايتىش باشلاندى

6-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شياۋلاڭدى سۇچىلىق تۈگۈنىنىڭ سۇ قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشىغا ئەگىشىپ، 2025-يىللىق خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيىنى تەڭشەش، لاي-لاتقىلارنى