ئالاھىدە خەۋەر: ئۇيقۇدىكى مۈلۈك ئويغىتىلدى
مالىيە مىنىستىرلىقى مەمۇرىي كەسپىي ئورۇنلارنىڭ دۆلەت مۈلكىنى تەقسىملەش ۋە ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل 1 ئايدا خامچوت باشقۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سىستېمىسىغا تايىنىپ، مەملىكەتلىك مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ دۆلەت مۈلكىنى تەڭشەپ ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسى قۇردى. ھازىر بۇ سۇپا پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلارنى قاپلىدى، جەمئىي 200 دىن ئارتۇق مۈلۈكنى تەڭشەپ، 40 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مالىيە مەبلىغىنى تېجەپ، مۈلۈكنى پەلەمپەيسىمان ئىشلىتىش ۋە ھەممە نەرسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئەمدى «جۇڭگونىڭ ئىسلاھات نەق مەيدانى» ماۋزۇلۇق ئالاھىدە خەۋىرىمىزنىڭ «ئۇيقۇدىكى مۈلۈك ئويغىتىلدى» دېگەن قىسمىنى ئاڭلىتىمىز.
بۇ يىل 3-ئايدا، ئەنخۇي ئۆلكىسى غەربىي ئەنخۇي شۆيۈەنى مەملىكەتلىك مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ دۆلەت مۈلكىنى تەڭشەپ ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسى ئارقىلىق، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى تيەنجىن سانائەت، بىيو تېخنىكا تەتقىقاتخانىسىنىڭ قىسمەن پەن-تەتقىقات ئەسۋابلىرىنىڭ 10 نەچچە يىل ئىشلىتىلىش ئارقىلىق، پەن-تەتقىقات ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغانلىقتىن، سۇپا ئارقىلىق قوبۇل قىلغۇچى تەرەپنى ئىزدەش ھەققىدە ئۇچۇر ئېلان قىلغانلىقىنى ئىگىلىدى. ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش ئارقىلىق، بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆت ئۈسكۈنىنىڭ ئىقتىدارى، يېڭى-كونىلىق دەرىجىسى، كونكرېت ئىقتىدارى قاتارلىقنىڭ غەربىي ئەنخۇي شۆيۈەنىنىڭ پەن-تەتقىقات ئېھتىياجىغا دەل ماس كېلىدىغانلىقى ئېنىقلاندى. غەربىي ئەنخۇي شۆيۈەنى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ داۋشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ تېلېفوندا ۋە ۋىدېيولۇق كۆرۈشۈش ئارقىلىق بۇ بىر نەچچە ئۈسكۈنىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، دەسلەپكى قەدەمدە تەڭشەش مۇددىئاسى ھاسىل قىلدۇق. كېيىن مالىيە مىنىستىرلىقى مۈلۈك باشقۇرۇش مەھكىمىسى بۇ سۇپا ئارقىلىق تەكشۈرۈشنى تاماملىدى، ئاخىرىدا ئۈسكۈنىلەر تور سىرتىدىكى ئەشيا ئوبوروتى ئۇسۇلى ئارقىلىق مەكتىپىمىزگە يەتكۈزۈلۈپ، مۈلۈك تەڭشەش تاماملاندى.
بۇ پەن-تەتقىقات ئۈسكۈنىلىرى غەربىي ئەنخۇي شۆيۈەنىگە 2 مىليون 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ تېجەپ بېرىپلا قالماي، يەنە مۈلۈك تەقسىملەش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، مەكتەپنىڭ پەن-تەتقىقات خىزمىتىگە ئۈنۈملۈك تىرەك بولدى.
مەملىكەتلىك مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ دۆلەت مۈلكىنى تەڭشەپ ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسى مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلار مۈلكىنىڭ «نىمكەش سۇپىسى» غا ئوخشايدۇ. ھەر قايسى تارماقلار، رايونلاردىكى مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلار سۇپىدا ئۆزلىرىنىڭ بىكار تۇرغان مۈلۈك ئۇچۇرى ۋە ئېھتىياج ئۇچۇرىنى ئېلان قىلسا بولىدۇ، شۇنداقلا باشقا ئورۇنلارنىڭ بىكار تۇرغان مۈلكىنى تەكشۈرسە ھەم ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئەنخۇي ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتى مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خېۋۇ مۇنداق دېدى: ئەسلىدىكى مۈلۈكنى تور سىرتىدا تەڭشەپ ئورتاق بەھرىلىنىش ئۇسۇلىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ سۇپىنىڭ قاپلاش دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ، مۈلۈك تۈرى تېخىمۇ كۆپ. ھاۋا تەڭشىگۈچ، كومپيۇتېر ئۈسكۈنىلىرى، يەنە چوڭ تىپتىكى پەن-تەتقىقات ماشىنا-ئۈسكۈنىلىرى ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بار. بولۇپمۇ ئۇچۇر ماس كەلمەسلىك مەسىلىسىنى، يەنى ئۇچۇر توسۇقى مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك مىسالنى تىلغا ئالسام، توردا پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن توردا مۈلۈكنى تەڭشەشكىچە تەخمىنەن 10 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ.
مەملىكەتلىك مۈلۈكنى تەڭشەپ ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسى تەڭشەش مەيدانى، ئورتاق بەھرىلىنىش مەيدانى، ئېھتىياج مەيدانىدىن ئىبارەت ئۈچ ئىقتىدارنى ھازىرلىغان بولۇپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئۇچۇرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇناسىپ مەيداندا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، سۇپا مۈلۈك تۈرى، ئۆلچىمى، تېخنىكا كۆرسەتكۈچى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئامىللارغا ئاساسەن خېرىدارلارغا مۈلۈكنى تەۋسىيە قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ تېزدىن تەڭشەش مۇددىئاسى ھاسىل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. مالىيە مىنىستىرلىقى مۈلۈك باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى خۇ جۈنمىڭ مۇنداق دېدى: بۇ سۇپا پۈتۈنلەي پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن خامچوت باشقۇرۇش سىستېمىسىغا تايىنىدۇ، بۇنىڭغا قۇرۇلۇش مەبلىغى، كۈندىلىك يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراش مەبلىغى كەتمەيدۇ، ئەرزان، تېجەشلىك بولۇپ، تېجەپ قالغان پۇلنى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا، پۇقرالار جىددىي ئېھتىياجلىق تەرەپلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
تەرجىمان: قۇرباننىسا جاپپار
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا