ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نۇرغۇن جايلار تۇرالغۇ ئۆي ئاممىۋى فوندىغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى داۋاملىق ياخشىلاپ ۋە تەڭشەپ، خەلققە قولايلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-24 16:40

 نۇرغۇن جايلار تۇرالغۇ ئۆي ئاممىۋى فوندىغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تەڭشەپ، تۇرالغۇ ئۆي ئاممىۋى فوندىنىڭ قوللاش رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقاردى. نۇرغۇن شەھەرلەر قەرز پۇل مۇلازىمىتى جەھەتتە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، خەلققە قولايلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، پۇل تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئالاقىدار كەسىپلەرنى بېجىرىشىگە قولايلىق ياراتتى.
تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇرغۇن جايلار تۇرالغۇ ئۆي ئاممىۋى فوندىنى ئىشلىتىش سىياسىتىنى داۋاملىق سەرخىللاشتۇرۇپ، باشقا جايدا قەرز ئېلىش ۋە باشقا جايدا ئۆي سېتىۋالغاندا تۇرالغۇ ئۆي ئاممىۋى فوندىنى ئېلىشنى زور كۈچ بىلەن قوللىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جايلارنى تارماق ھالقىغان سانلىق مەلۇماتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىگەن، پۈتۈن بىر يىلدا جايلار جەمئىي 87 تۈرلۈك ھەمبەھرە سانلىق مەلۇماتنى 168 مىليون قېتىم يۆتكەپ ئىشلىتىپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، ماتېرىيالنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرغان.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نۇرغۇن جايلار تۇرالغۇ ئۆي ئاممىۋى فوندىغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى داۋاملىق ياخشىلاپ ۋە تەڭشەپ، خەلققە قولايلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويدى

نۇرغۇن جايلار تۇرالغۇ ئۆي ئاممىۋى فوندىغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تەڭشەپ، تۇرالغۇ ئۆي ئاممىۋى فوندىنىڭ قوللاش رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقاردى.