ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار، تارماقلار دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ياشانغانلار مۇلازىمىتى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇشقا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-24 16:44

جايلار، تارماقلار دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ياشانغانلار مۇلازىمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، كۈتۈنۈش ئىشلىرى ۋە كۈتۈنۈش كەسپىنىڭ سىياسەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ياشانغانلارنى ئاخىرقى ئۆمرىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
جايلار بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ياشانغانلارنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇردى. مۇشۇ ئايدىن باشلاپ، جېجياڭ ئۆلكىسى جياشىڭ شەھىرى 96345 مەھەللە مۇلازىمەت ياردەم مەركىزى ئائىلىدە كۈتۈنۈشتە ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويدى. ياشانغانلار پەقەت تېلېفون قىلسىلا مۇناسىپ مۇلازىمەتنى ئالدىن كېلىشىپ قويالايدۇ. جياشىڭ شەھىرى 96345 مەھەللە مۇلازىمەت ياردەم مەركىزى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شې ۋېيجيا مۇنداق دېدى: ئادەتتىكى تازىلىق قىلىش، كۆكتات سېتىۋېلىش، تاماق ئېتىشتىن باشقا، يەنە دوختۇرخانىغا بىللە بېرىش، ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيمىز. بىز مۇشۇنداق تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت ئارقىلىق، ياشانغانلارنىڭ «ياشانغاندا ئۆيدىن ئايرىلماسلىق»نى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.
مەھەللىدە كۈتۈنۈش كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ مۇھىم تايانچى بولۇپ، ئائىلىدە كۈتۈنۈشنى كۈچلۈك قوللاشقا ئىگە قىلدى. شاڭخەي شەھەر رايونى «15 مىنۇتلۇق كۈتۈنۈش مۇلازىمەت چەمبىرىكى» بىلەن تولۇق قاپلىدى. خۇنەن «قورۇق تام يوق» ياشانغانلار ساناتورىيەسىنى داۋاملىق بەرپا قىلدى، ھازىر خۇنەندىكى مەھەللە ئائىلىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ سانى 8500 دىن ئاشتى. شياڭتەن شەھىرى يۈخۇ رايونى ياۋۋەن كوچا باشقارمىسى بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ باشلىقى ياۋ شۈ: ھازىر كوچا باشقارمىسى ئۇنىۋېرسال كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزىمىزگە 60 نەچچە ياشانغان كىشى كىردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەھەللىدىكى ئاھالىلەر. بىز ئۇلارنىڭ بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق تامىقىغا مەسئۇل بولىمىز، ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلارغىمۇ 24 سائەت ھەر ۋاقىت ياردەم قىلىمىز، دېدى.
يېزا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئېلىمىزنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە قىيىن نۇقتىسى بولۇپ، يېزىلاردىكى مىليونلىغان ياشانغانلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. جياڭشى ئۆلكىسى يېزىلاردا «بەخت ساناتورىيەسى» دىن 880 نەچچىنى قۇردى. «بەخت ساناتورىيەسى» دائىملىق ھالدا يېزىلاردىكى ياشانغانلارنى غىزالىنىش، كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، مەدەنىيەت-كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. جياڭشى ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى رېن شىنخۇا مۇنداق دېدى: بىز دىققەتنى يېزىلاردىكى كۈتۈنۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، يېزا-بازارلاردىكى ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلار بىۋاسىتە باشقۇرۇش مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈردۇق. بۇ يىل يەنە رايون خاراكتېرلىك مەركىزىي ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىن 90 نى، بەخت ساناتورىيەسىدىن 300 نى قۇرۇپ، ياشانغانلارنى ياشانغاندا يۆلەنچۈكى بولۇش، ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ياشانغاندا خۇشاللىقى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.
ئاق باشلار ئىقتىسادىنىڭ بىر ئۇچى خەلق تۇرمۇشىغا، يەنە بىر ئۇچى كەسىپكە چېتىلىدۇ. نۆۋەتتە، ئاق باشلار مەخسۇس پويىز، ساغلاملىق-كۈتۈنۈش ساياھىتى ۋە تۇرۇش قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى دۆلىتىمىزدە كۈتۈنۈش جەھەتتىكى كۆپ مەنبەلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە. يېقىندا جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرى تۇنجى تۈركۈمدىكى كۈتۈنۈش ئىستېمال بېلىتىنى تارقاتتى، ياشانغانلار تور سۇپىسىدا زاكاز چۈشۈرسىلا كەسىپلەشكەن كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدىن ھەقسىز بەھرىمەن بولالايدۇ. نەنجىڭ شەھىرى جيەنيې رايونى نەنيۈەن كوچا باشقارمىسى خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى لياڭ مۇنداق دېدى: ياشانغانلار يۇيۇنۇشقا ياردەم بېرىش، پاكىزلىققا ياردەم بېرىش، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىشكە ياردەم بېرىش، تاماق يەتكۈزۈش قاتارلىق 33 خىل مۇلازىمەتنى ئۆزى تاللىسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز يەنە ئائىلىلەرنىڭ كۈتۈنۈش ئىستېمالىنى جانلاندۇرۇپ، ئاق باشلار ئىقتىسادىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرالايمىز.
پىلان بويىچە، 2029-يىلىغا بارغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمەت تورى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇلۇپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلىدۇ؛ 2035-يىلىغا بارغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى پىشىپ يېتىلىپ مۇقىملىشىدۇ. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى لۇ جىيۈەن مۇنداق دېدى: كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى بارلىق ياشانغانلارنى ئاساسىي كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىپ، ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ياشانغانلار رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان بولۇش، ياشانغاندا خۇشاللىقى بولۇش، ئاخىرقى ئۆمرىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مەركەزنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا




中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار، تارماقلار دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ياشانغانلار مۇلازىمىتى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇشقا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلدى

جايلار، تارماقلار دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ياشانغانلار مۇلازىمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، كۈتۈنۈش ئىشلىرى ۋە كۈتۈنۈش كەسپىنىڭ سىياسەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ