چۇڭچىڭنىڭ يۈجۇڭ گەنسۇنىڭ پىڭلياڭ قاتارلىق جايلار مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىي بولۇشىغا تۈرتكە بولدى
مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيە داۋامىدا، چۇڭچىڭنىڭ يۈجۇڭ، گەنسۇنىڭ پىڭلياڭ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي، ئەمەلىي ھەل قىلدى.
چۇڭچىڭنىڭ يۈجۇڭ رايونىدا ئېگىز بىنالارغا ئورۇنلاشقان كارخانىلار كۆپ ئىدى، ئىلگىرى قۇرۇلغان كارخانا مۇلازىمەت سۇپىسىغا قارىتا، كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىشى ئاستا بولۇش، كۆپ تەرەپكە قاتراش قاتارلىق بىر قىسىم مەسىلىلىرىنى دەرھال ھەل قىلىش قىيىن بولغاچقا، يۈجۇڭ رايونى بىر كۆزنەكتە كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كارخانىلارنى ياردەم بېرىش، ۋاكالىتەن بېجىرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. كەيلىن كارخانا باشقۇرۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىر ياردەمچىسى گو جەن نۇرغۇن ۋاقتىمىز ۋە زېھنىي كۈچىمىز تېجەپ قېلىندى. بۇ مۇلازىمەت ھەقىقەتەن ئەتراپلىق ئىكەن، ھازىر كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىشى تېخىمۇ قولايلاشتى دېدى.
نۆۋەتتە چۇڭچىڭنىڭ يۈجۇڭ رايونى ئۆگىنىش-تەربىيە جەريانىدا، كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي قىيىن مەسىلىسىدىن 244 نى نۇقتىلىق رەتلەپ چىقتى، بۇلار سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى، خادىم ئىشلىتىشنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، نۆۋەتتە 210 دىن ئارتۇق مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلدى. چۇڭچىڭ شەھىرى يۈجۇڭ رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جىڭ مۇنداق دېدى: بىز چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسىلىلەرنى تۈر بويىچە باشقۇرۇش، دەرىجە بويىچە بېجىرىشكە يېتەكچىلىك قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئۆگىنىش-تەربىيە ئۈنۈمىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۈزەش، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ھەقىقىي ئايلاندۇردۇق.
گەنسۇنىڭ پىڭلياڭ دىققەتنى ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى بېجىرىش تەرتىپى مۇرەككەپ، ماتېرىيال چىگىش بولۇش قاتارلىق ئاممىنى كۆپ ماڭغۇزۇش مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆپ تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، بىر توردا بېجىرىش، بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يۈكىنى يېنىكلەتتى. گەنسۇ ئۆلكىسى پىڭلياڭ شەھىرىنىڭ ئاھالىسى چۇ يۆخۇي مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كۆچمەس مۈلۈك ئىگىسىنىڭ ئىسمىنى يەڭگۈشلەش ئىشىنى بېجىرىشتە ئۈچ تارماقنىڭ كۆزنىكىگە بېرىشقا توغرا كېلەتتى، ھازىر بىر كۆزنەككە بېرىپ بىر سائەتتىلا بېجىرىپ بولغىلى بولىدۇ، ناھايىتى قولايلىق، خىزمەتچىلەرنىڭ مۇلازىمەت پوزىتسىيەسى ۋە مۇلازىمەت ئۈنۈمىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق.
ئۆگىنىش-تەربىيە جەريانىدا، پىڭلياڭ شەھىرى مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 28 تۈرلۈك مەسىلىنى چۆرىدەپ، 70 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقتى. ھازىرغىچە، ئاممىدىن 600 دىن ئارتۇق پىكىر-تەكلىپ ئېلىپ، ئامما ئۈچۈن 684 ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، تۈزىتىشنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. گەنسۇ ئۆلكىسى پىڭلياڭ شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن تاۋ مۇنداق دېدى: بىز دەرھال تەكشۈرۈش، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ تۈزەش، مەركەزلىك تۈزەپ ئۆزگەرتىش، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش بويىچە ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل جەھەتتىكى جاھىل، ناچار ئىللەتلەرنى ئۆزگەرتىپ ۋە تۈزىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرىمىز.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار









