جايلار دېھقانچىلىق پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشى، يازلىق يىغىم، يازلىق تېرىم، يازلىق پەرۋىشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرمەكتە
«يازنىڭ ئۈچ ئىشى» بويىچە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، جايلار دېھقانچىلىق پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۈسكۈنىلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇقىم، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.
ھازىر شىنجاڭنىڭ سانجى ئوبلاستىدىكى بىر مىليون 670 مىڭ مو يەردىكى بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئېلىندى. سانجى ئوبلاستىنىڭ ماناس ناھىيەسى لەنجۇۋەن بازىرى سىفۇجۇاڭ كەنتىدىكى بۇغدايلىقتا چوڭ تىپتىكى كومبايىن پۈتۈن كۈچى بىلەن مەشغۇلات قىلماقتا. سىفۇجۇاڭ كەنتىدىكى دېھقان تاڭ تيەنيۇ: بۇ يىل تېرىغان شىندۇڭ 53 ئەلا سۈپەتلىك بۇغدىيى ھازىر ناھايىتى ياخشى ئۆسۈۋاتىدۇ، مەھسۇلات مىقدارى 600 كىلوگىرامدىن ئاشىدۇ، دېدى.
سانجى ئوبلاستلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى كې شياۋتاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز بۇ يىل كەڭ كۆلەمدە ئاشلىقنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، «بىر پۈركۈش، ئۈچتىن مۇداپىئەلىنىش»، سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قاتارلىق مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش تېخنىكىسىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتتۇق.
ئەنخۇينىڭ خۇاڭشەن شەھىرى يىشەن ناھىيەسىدىكى 63 مىڭ مو شاللىقتا يازلىق تېرىم ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىگە كىردى. شۇ جايدىكى بىر يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كارخانىسىدا خىزمەتچىلەر رەقەملىك يېزا ئىگىلىك سۇپىسى ئارقىلىق ھەر قايسى تارماق رايونلاردىكى ئېتىزلاردىكى نەق مەيداندا مەشغۇلات قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە ھەمدە دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى، سۇغۇرۇش قاتارلىقلارنى ئىلمىي، مۇۋاپىق تەڭشىمەكتە. يىشەن ناھىيەسىدىكى بىر تېرىقچىلىق كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچىسى جياۋ جىنيۇ مۇنداق دېدى: رەقەملىك يېزا ئىگىلىك سۇپىسى ئارقىلىق، تۇپراقنىڭ نەملىكى، ھاشارات ئەھۋالىنى كۆزىتىش، ھاۋا رايىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش قاتارلىقلارنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ، بۇ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى سانلىق مەلۇمات تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.
يىشەن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئاگرونومى جاڭ بىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: رەقەملىك پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىگە قۇۋۋەت قوشۇپ، «ئاقىل ئېتىز پەرۋىشى» ئارقىلىق بىرىنچى پەسىللىك شالدىن مۇقىم، يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. ئۈچ ئۈلۈش تېرىش، يەتتە ئۈلۈش پەرۋىش قىلىش، شالدىن مول ھوسۇل ئېلىشتا ئېتىز پەرۋىشى مۇھىم ھالقا. كېيىنكى قەدەمدە بىز مايسا ئەھۋالىنى كۈزىتىش ۋە ئاپەتتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، تېخنىكىنى ئېتىزلارغىچە، مۇلازىمەتنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.
جياڭشىنىڭ گەنجۇ شەھىرى چۈەننەن ناھىيىسى پىتوۋ بازىرى جېڭخې كەنتىدىكى چىلگە شال ئارقا-ئارقىدىن پىشتى. دېھقان شېن خەيچىڭ يامغۇر يېغىشتىن بۇرۇن چوڭ كومبايىننى ھەيدەپ شاللىققا كىردى، يان تەرەپتىكى پىرقىرىما سوقا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەنجى شال مايسىسىنى تىكىش ئۈچۈن مىنۇت-سېكونتنى قولدىن بەرمەي مەشغۇلات قىلدى.
جياڭشىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش كارخانىلىرىمۇ ئاشلىقنى ئامبارغا تولۇق كىرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پائال تەييارلىق قىلدى. جىئەن شەھىرى شىنگەن ناھىيىسىدىكى بىر گۈرۈچ پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى خادىم ۋە ئۈسكۈنىلەرنى تەشكىللەپ ئامبارنى بوشىتىپ، چىلگە شالنى يىغىپ ساقلاشقا ياخشى تەييارلىق قىلدى. كارخانا زاپاس ساقلاش ئامبىرىنىڭ مەسئۇلى ليۇ دۇڭلىن مۇنداق دېدى: ھازىرغا قەدەر 30 مىڭ توننىدىن ئارتۇق سىغىمغا ئىگە ئامبار بوشىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 60 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئاشلىق ئامبىرىنى «تۆتلەشتۈرۈش» بويىچە ئۆزگەرتىش تاماملاندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەل تەڭشەش ئۆلچىمىگە يەتتى، بۇ ئەنئەنىۋى ئاشلىق ساقلاش تېخنىكىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ يېشىل، مۇھىت ئاسرايدۇ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى تېخىمۇ تۆۋەن.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا