ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«دەريا-ئېنىقلارنى قوغداش، تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» بېسىپ تارقىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-29 12:04

«دەريا-ئېقىنلارنى قوغداش، تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» يېقىندا تارقىتىلدى. سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىشتىن دەريا-ئېقىن سۇ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقىچە، 24 تۈرلۈك ۋەزىپە تىزىملىكى «دەريا-ئېقىنلارنىڭ تىنچ ئېقىشى»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدايدۇ.
«دەريا-ئېقىنلارنى قوغداش، تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»دە دەريا-ئېقىنلارنىڭ تىنچ ئېقىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش، دەريا-ئېقىنلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، دەريا-ئېقىنلارنىڭ مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاش، سۇ مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش، دەريا-ئېقىنلارنى قوغداش، تۈزەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق ئالتە جەھەتتە 24 تۈرلۈك تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، دەريا-ئېقىنلارنى قوغداش، تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ھازىر دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك كەلكۈن مەزگىلىگە كىردى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى پىلان مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «پىكىر» دە كەلكۈن ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. سۇ ئامبىرى، دەريا يولى ۋە توسما، كەلكۈن يىغىش رايونى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ۋادا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يامغۇر ۋە سۇ ئەھۋالىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ھاۋا رايى، سۇ رايىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش پونكىتى تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئەسلىھەلىرى ۋە ئۇچۇر بايلىقىنى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىپ، قارا يامغۇر ۋە كەلكۈندىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
«پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2035-يىلىغا بارغاندا، زامانىۋى ۋادا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش؛ سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، شەھەر-يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش؛ دەريا-ئېقىنلارنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، سۇ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ساغلام، مۇقىم قىلىش؛ سۇ مەدەنىيىتىنى گۈللەندۇرۇپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەسىر كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش؛ دەريا-ئېقىنلارنى قوغداش-تۈزەش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۇرۇپ، ئادەم بىلەن سۇنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئىناق قىلىش.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«دەريا-ئېنىقلارنى قوغداش، تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» بېسىپ تارقىتىلدى

«دەريا-ئېقىنلارنى قوغداش، تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» يېقىندا تارقىتىلدى.