گۈيجۇنىڭ روڭجياڭ ناھىيىسىدە يەنە بىر قېتىم كەلكۈن پەللىسى كۆرۈلۈپ، 40 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلدى
قاتتىق يامغۇرنىڭ تەسىرىدە، گۈيجۇ ئۆلكىسى چيەندۇڭنەن ئوبلاستىنىڭ روڭجياڭ ناھىيەسىدە 6-ئاينىڭ 28-كۈنى يەنە بىر قېتىم كەلكۈن پەللىسى كۆرۈلدى. شۇ جاي دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، خەتەرلىك رايوندىكى كىشىلەرنى جىددىي چېكىندۈردى.
6-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 18 ئەتراپىدا كەلكۈن پەللىسى روڭجياڭ ناھىيە بازىرىدىن ئۆتتى، دۇليۇجياڭ دەرياسىنىڭ روڭجياڭ بۆلىكىدە 253 مېتىرلىق كەلكۈن پەللىسى كۆرۈلدى. شۇ جاي كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش بويىچە 1-دەرىجىلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، روڭجياڭ ناھىيەسىدىكى 8000 دىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىر كەلكۈن كەلگەن يەتتە چوڭ رايونغا بېرىپ، ئاممىنى جىددىي چېكىنىش ۋە يۆتكىلىشكە تەشكىللىدى. روڭجياڭ ناھىيەلىك سۇ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ جېنيۈ مۇنداق دېدى: كەلكۈن پەللىسى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، بىز 41 مىڭ 574 ئادەمنى جىددىي يۆتكىدۇق. يۆتكىلىپ چىققان ئاممىنىڭ بىر قىسمى ناھىيە بازىرىدىكى ئىككى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا ئورۇنلاشتى، بىر قىسمى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتى، يەنە بىر قىسمى كەلكۈن يانغاندىن كېيىن، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا ئۆيىگە قايتتى.
6-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 23 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەنلەردە كەلكۈن پەللىسى روڭجياڭ ناھىيەسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى سۇڭجياڭ ناھىيەسىدىن ئۆتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى سۇڭجياڭ ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى تارماقلار ئاممىنى بىخەتەر جايغا يۆتكىگەن ئىدى. سۇڭجياڭ ناھىيەلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ چيەنكۇن مۇنداق دېدى: 6-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 21 گىچە، جەمئىي 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يۆتكەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، يېمەك-ئىچمەك، قونالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، بىر قىسىم ئاممىنى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇردى. ھازىر ھەممەيلەن بىخەتەر چېكىندى، ئۆلۈم-يىتىم بولمىدى.
بۇ قېتىم كەلكۈن مىقدارى ئالدىنقى قېتىمقىغا قارىغاندا سەل ئازايغاچقا، 6-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 22 گىچە، سۇڭجياڭ ناھىيە بازىرىدا توك، خەۋەرلىشىش، تور تەسىرگە ئۇچرىمىدى. سۇڭجياڭ ناھىيەسى كۈچ تەشكىللەپ كېچىلەپ لاتقا تازىلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ھازىر كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە.
تەرجىمان:قۇرباننىسا جاپپار
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا