دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 100 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، گۇيجۇدىكى ئېغىر كەلكۈن-ھۆلچىلىك ئاپىتىدىن كېيىنكى جىددىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللىدى
گۇيجۇ ئۆلكىسى چيەندۇڭنەن ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا يېقىندا يۈز بەرگەن ئېغىر كەلكۈن-ھۆلچىلىك ئاپىتىگە قارىتا، دۆلەتلىك ئاپەتتىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى دۆلەتنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنىڭ دەرىجىسىنى 3-دەرىجىگە ئۆستۈرۈپ، ئاپەت بولغان رايونغا ئاپەت ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، يەرلىكنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ياردەملىشىشكە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەتلىك ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە گۇيجۇ ئۆلكىسىگە قاتلىما كارىۋات، يازلىق يوتقان-كۆرپە، ئائىلە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش سومكىسى قاتارلىق مەركەزنىڭ 15 مىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشياسىنى جىددىي يۆتكەپ، يەرلىكنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تۇرمۇش كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە مەدەت بەردى.
مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 28-كۈنى دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا مەركەز خامچوتىدىن 100 مىليون يۈەننى جىددىي ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىدا، يەنە 100 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، گۈيجۇ ئۆلكىسى، بولۇپمۇ چيەندۇڭنەن ئوبلاستىنىڭ روڭجياڭ، سۇڭجياڭ ناھىيەلىرى، چيەننەن ئوبلاستىنىڭ سەندۇ ناھىيەسى قاتارلىق ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارنىڭ قاتناش، سۇچىلىق، داۋالاش، سەھىيە، مائارىپ قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئاپەتتىن كېيىن جىددىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللاپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولغان.
تەرجىمان:قۇرباننىسا جاپپار
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









