ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پۇقرالارنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك ئىشلار ياخشى بېجىرىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-07-02 16:10

شەھەر ئاساسىي قاتلىمىنى ئىدارە قىلىشتا، كونا ئولتۇراق رايونلار نۇرغۇن قىيىن نۇقتا ۋە ئاغرىق نۇقتىلارغا دۇچ كەلمەكتە. بېيجىڭ شەھىرى شىجىڭشەن رايونى باجياۋ جۇڭلى مەھەللىسى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى ئالدىرىغان، قىينالغان، غەم قىلغان، تەقەززا بولغان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ياشاشقا باب كېلىدىغان مەھەللە بەرپا قىلدى.
75 ياشلىق پىشقەدەم پارتىيە ئەزاسى شۈ بەييۈن ھەر كۈنى سەھەردە بىر نەچچە قوشنىسىنى چاقىرىپ، يالغۇز تۇرىدىغان ليۇ سۇمىننىڭ سىرتقا چىقىپ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە چېنىقىشىغا ياردەم بېرىدۇ. 40 نەچچە يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە شۈ بەييۈن پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن باجياۋ جۇڭلى مەھەللىسى 2-پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلاندى. ئۇ ھەر كۈنى ئۆزى مەسئۇل بولغان بىنانى تەكشۈرۈپ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا بايقايدۇ. باجياۋ جۇڭلى مەھەللىسىدىكى 16 پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۈ بەييۈنگە ئوخشاش مەسئۇلىيەتچان ياچېيكا شۇجىلىرى بار. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا قۇرۇلغان كونا مەھەللە بولۇش سۈپىتىدە، باجياۋ جۇڭلى مەھەللىسىنىڭ ئەسلىھەلىرى كونا، ياشانغان ئاھالىلەر كۆپ بولۇپ، 5900 دىن ئارتۇق دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار، بۇنىڭ ئىچىدە 162 ئائىلىدە يالغۇز ياشانغان كىشىلەر تۇرىدۇ. مەھەللە پارتكومى ياشانغانلارنىڭ ئالدىرىغان، قىينالغان، غەم قىلغان، تەقەززا بولغان مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە ھەل قىلىش ئۈچۈن، 33 بىنانى 16 دائىرىگە ئايرىدى، ھەر بىر دائىرىدە بىردىن پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلدى، ئولتۇراق رايوننىڭ يول بويلىرى ۋە كارىدورلىرىدا دائىرە خادىملىرىنىڭ تونۇشتۇرۇش تاختىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. مەھەللە پارتكومى يەنە پىنسىيەگە چىققان 500 دىن ئارتۇق پىشقەدەم پارتىيە ئەزاسىنى تەشكىللەپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىش بويىچە كۈتۈنۈش ئۆمىكى قاتارلىق كۆپ خىل پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترەتلىرىنى قۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ تەلىپىگە ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلدى ۋە ئىنكاس قايتۇردى.
مەھەللە پارتكومىنىڭ چاقىرىقى ئاستىدا، خىزمەتتىكى 280 نەچچە پارتىيە ئەزاسىمۇ پىدائىيلار مۇلازىمىتى سېپىگە قوشۇلۇپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، كىچىك بۇيۇملارنى ھەقسىز رېمونت قىلىش، جىددىي نوسۇلكا قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، ھەر بىر كىچىك ئىشنى ئەستايىدىل ياخشى قىلدى.
مەھەللە پارتكومى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، مەھەللىدىكى قوشنىلارنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ئىناق بولدى، ھەممە جاي يېشىللىققا پۈركەندى. ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ياخشى پىلانلىنىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى. ئەخلەتلەرنى ئاپتوماتىك تۈرگە ئايرىش ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مەھەللىنىڭ قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈلدى. ئەلنەپ ئۆتىڭى ۋە كۈتۈنۈش ئاشخانىسىمۇ پات ئارىدا پۈتۈپ، مەھەللىنى ئاھالىلەرنىڭ تېخىمۇ ئىللىق ماكانىغا ئايلاندۇرىدۇ.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پۇقرالارنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك ئىشلار ياخشى بېجىرىلدى

شەھەر ئاساسىي قاتلىمىنى ئىدارە قىلىشتا، كونا ئولتۇراق رايونلار نۇرغۇن قىيىن نۇقتا ۋە ئاغرىق نۇقتىلارغا دۇچ كەلمەكتە. بېيجىڭ شەھىرى شىجىڭشەن رايونى باجياۋ جۇڭلى مەھەللىسى پارتىيە