ياشلار جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ياشلىق باھارىنى تەقدىم قىلماقتا
تەپسىلىي خەۋەر: «ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياشلىق باھارىمىزنى تەقدىم قىلايلى»
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياشلار تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، ئومۇمىي ئەخلاقنى چۈشىنىپ، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئېغىر ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.
نۆۋەتتە، يېڭى دەۋر ياشلىرى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا ياشلىق باھارىنىڭ نەتىجىسىنى نامايان قىلىپ، ياشلىق خىسلىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ياشلىق كۈچىنى بېغىشلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئالىدىغان ياشلىق سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈپ چىقماقتا.
بۈگۈنكى زامان جۇڭگو ياشلىرى يېڭى دەۋر بىلەن سەپەرداش بولۇپ، بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ئەۋلادلاردۇر. بۇ يىل 4-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە خىزمەت تەكشۈرگەندە «مودېل سۈرئىتى بوشلۇقى» چوڭ مودېلدا يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيە مەھەللىسىگە كىرىپ، ياش يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ سۈنئىي ئەقىلدىن ئىبارەت بۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلار ياش كەسىپ شۇنداقلا ياشلارنىڭ كەسپى، بۇ كەسىپ يەنە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى بىلەن باغلانغان، ئۈمىد سىلەردە دەپ كۆرسەتتى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ياش كەسىپ ۋە بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياشلارغا بەك كۆڭۈل بۆلدى. بۇ يىل 2-ئايدا ئېچىلغان پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا، خاڭجۇ يۈشۇ پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋاڭ شىڭشىڭ سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلغانلار ئىچىدە يېشى ئەڭ كىچىكى ئىدى. باش شۇجى ئۇنىڭغا: «دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ياش ئەۋلادلارنىڭ تۆھپە قوشۇشىغا موھتاج» دېدى. ۋاڭ شىڭشىڭ بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: دۆلەت قاتلىمىدىن ماشىنا ئادەم، بولۇپمۇ ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم كەسپىنى قوللاش دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى، جۇڭگونىڭ قاتتىق دېتال ئىشلەپچىقىرىش كەسىپ زەنجىرى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدى، تەننەرخى تېخىمۇ تۆۋەن، ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولدى. مەن تېخىمۇ كۆپ تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، جەمئىيەت ئۈچۈن قىممىتى بار ئىشلارنى قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
پۈتۈن مەملىكەتكە نەزەر سالساق، ئۇچۇر تېخنىكىسى، پەن-تېخنىكا قوللىنىش قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشنى ئاچقۇچلۇق رىقابەت ئىقتىدارى قىلغان كەسىپلەردە، سانسىزلىغان ياشلار قەد كۆتۈرۈپ، ئاساسىي كۈچكە ئايلاندى. يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا، ياش ئىختىساسلىقلارمۇ ئېغىر يۈك، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماقتا. 1985-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ئالەم قاتنىشى خادىمى، جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى بوشلۇق قوللىنىش سىستېمىسى باش قوماندانىنىڭ ياردەمچىسى جاڭ لۇ مۇنداق دېدى: شەخسلەرنىڭ پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئارزۇسى دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كەلگەن چاغدا، سىز ئالەم قاتنىشى خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ھېس قىلالايسىز. ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھىنىڭ تۈرتكىسىدە، پىشقەدەم ئالەم قاتنىشى خادىملىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىز ياشلار تېزدىن ئۆسۈپ يېتىلەلەيمىز.
ياشلار گۈللەنگەن دەۋردە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى. يەنە تېخىمۇ كۆپ ياشلار غەربىي رايونغا، يېزا-كەنتلەرگە، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلىپ، خالىس تۆھپە قوشۇشنى تاللىدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى شېيت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ دەرسخانىسىدا كىتاب ئوقۇغان ئاۋازلار ياڭراپ تۇراتتى. «1990-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان» 23 كىشىدىن تەشكىللەنگەن شېيت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرا رايوننى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي رايون پىلانى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى خالىس تۆھپە قوشۇپ، بالىلارنىڭ ئۈمىد مەشئىلىنى جۇلالاندۇرغان. بۇ يىل 4-ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئەترەت ئەزالىرى باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى. پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ يىجى مۇنداق دېدى: بىز ئوقۇتۇش جەريانىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق قەلبنى ئوزۇقلاندۇرىمىز. خىزمىتىمىزنىڭ شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ، «ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بېرىپ نەتىجە يارىتىش»نىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم.
ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە، ياشلار ياشلىق باھارىنىڭ مەزمۇت قەدىمى ئارقىلىق كىشىلىك تۇرمۇش غايىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئارمانسىز تاللىشى ئارقىلىق دەۋرنىڭ چاقىرىقىغا جاۋاب قايتۇردى. «1985-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان» دوختۇر، جۇڭگو تانزانىيەگە ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈنچياۋ بۇ يىل 6-ئايدا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن يەرلىك ئاھالىنى قۇتقۇزۇش يولىدا، قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى. ھايات ۋاقتىدا تارتىلغان بىر ۋىدىيودا، جاڭ جۈنچياۋ مۇنداق بىر سۆزنى قالدۇرغان: مەن بىر ئۆمۈر دوختۇرلۇق قىلىمەن، بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيمەن، مەيلى جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلاي ياكى تانزانىيە خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلاي، ۋەياكى دۇنيا خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلاي، بۇ مېنىڭ كەسپىي ئەخلاقىم. مېنى ئېسىڭىزدە تۇتۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، بىز جۇڭگو داۋالاش ئەترىتى.
كۆچەتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى يېتەرلىك قۇياش نۇرى ۋە سۇدىن ئايرىلالمايدۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ياشلار غەمخورلۇق قىلىشقا، ئۈمىد كۈتۈشكە ئەڭ ئەرزىيدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز ياشلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشىغا زوقلىنىش ۋە ئالقىش نەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھاياتتا قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى پائال قوللىشىمىز كېرەك.
نۆۋەتتە، پۈتۈن جەمئىيەت سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەردىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ياخشى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش كەيپىياتى يارىتىپ، ياشلار ۋە ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، تەرەققىي قىلىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن شارائىت يارىتىپ بەردى ۋە مەدەت بەردى. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن شياۋفېي مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلب ۋە روھنى مۇجەسسەملەپ، ياشلارنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاپ، ياشلىق يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەش؛ ھالقىلىق ساھەلەردە ياش زەربىدارلار ئەترىتىنى ياخشى قۇرۇپ ۋە ياخشى پايدىلىنىپ، غەربىي رايون پىلانىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشلارنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش، سەھنە ھازىرلاش؛ ياشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەقىقىي، ئەمەلىي مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.
كۈرەش قىلىش ياشلىق باھارىنىڭ ئەڭ يارقىن ئاساسى، ھەرىكەت ياشلارنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چېنىقىشى. ياشلار پارتىيەنىڭ تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە ئىرادە باغلاپ، ياشلىق باھارى، دەۋر، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ياشلىق باھارىنىڭ مۇسابىقە يولىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بۈگۈنكى زامان ياشلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرمەكتە.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار