مەملىكەت بويىچە قۇرۇلغان كىچىك باغچە 48 مىڭدىن ئاشتى
مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە 48 مىڭدىن ئارتۇق كىچىك باغچە قۇرۇلغان، يېشىل يول 128 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشقان. ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى 360 شەھەردە باغچە، يېشىللىقنى ئېچىۋېتىپ تەڭ بەھرىلىنىش يولغا قويۇلغان، 18 مىڭ گېكتاردىن ئارتۇق چىملىق نۆۋەت بىلەن ئېچىۋېتىلگەن، 180 مىڭدىن ئارتۇق چېنىقىش ئەسلىھەسى كۆپەيتىلگەن.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن