ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالدىنقى بەش ئايدا مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-07-02 16:35

جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ئەشيا ئوبوروتىدا ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، قۇرۇلما يەنىمۇ ئەلالىشىشتەك ئالاھىدىلىك كۆرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئەشيا ئوبوروتى ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى مۇقىم بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى ئىستېمال ئەشيا ئوبوروتى ئېھتىياجى تېز ئاشقان.
1-ئايدىن 5-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي سوممىسى، يەنى ئەشيا ئوبوروت ھەرىكىتىدىكى ناتۇرال تاۋار قىممىتىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 138 تىرىليون 700 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشقان. كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە سىياسەت جەھەتتىن كۈچ چىقىرىشتىن ئىبارەت قوش تۈرتكە ئاستىدا، 5-ئايدا مۇتلەق كۆپ ساندىكى سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە ئايرىش ساھەسىنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ئېھتىياجى ئەۋرىشىم ئاشقان.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن



中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئالدىنقى بەش ئايدا مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشتى

جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ئەشيا