ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شەنشىنىڭ يەنئەن يېزا-كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىگە پۇختا تۈرتكە بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-07-02 16:35

1935-يىلىدىن 1948-يىلىغىچە يەنئەننى مەركەز قىلغان شەنشى-گەنسۇ-نىڭشيا چېگرا رايونى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۇرۇشلۇق جاي بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ سىياسىي يېتەكچىلىك مەركىزى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق كۈرىشىنىڭ باش ئارقا سېپى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئىنقىلابىي مۇقەددەس جاي يەنئەن يېزا-كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىنقىلابىي كونا رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
بۇ مەزگىلدە، ئىنقىلابىي مۇقەددەس جاي يەنئەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، ئۇلار قىزىل ئىزلارنى ئىزدەپ، ئىنقىلابىي روھنى ھېس قىلدى.
يەنئەننى مەركەز قىلغان شەنشى-گەنسۇ-نىڭشيا چېگرا رايونى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىنى يېتەكلەپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىپ، يېڭى جۇڭگوغا يۈزلىنىشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى 8-ئارمىيە مۇشۇ يەردىن يولغا چىقىپ، شىمالىي جۇڭگودىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئالدىنقى سەپكە ئاتلاندى ھەمدە دۈشمەن ئارقا سېپىدە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تايانچ بازىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇردى. بۇ قىزىل تۇپراقتا، ئىنقىلابىي ئەجدادلار ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە ئۇلۇغ يەنئەن روھىنى ياراتتى، نۇرغۇن ھەربىي، مەمۇرىي كادىرلار بۇ يەردىن ئالدىنقى سەپكە ئاتلاندى، ئامما ياقتۇرىدىغان زور بىر تۈركۈم ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى بۇ يەردە ئىجاد قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە تەسىر كۆرسىتىپ، كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىغا مەدەت بەردى.
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يەنئەن دۆلەت ۋە شەنشى ئۆلكىسى چىقارغان كۆپ تۈرلۈك قوللاش سىياسەتلىرىنىڭ ياردىمىدە، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، جابدۇقچىلىق، قىزىل ساياھەت قاتارلىق ئۆزگىچە كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، 2019-يىلى كۆك نامراتلىق بىلەن ئۈزۈل-كېسىل خوشلاشتى. ھازىر يەنئەننىڭ ئالما ئۆستۈرۈش كۆلىمى 3 مىليون 300 مىڭ مودىن، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 5 مىليون توننىدىن ئېشىپ، 50 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان ئومۇمىي كەسىپ زەنجىرى كۆلىمى شەكىللىنىپ، پۈتۈن شەھەردىكى 800 مىڭ دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ھازىر سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىكى تاغلىق جايلاردا ئالما ئۆستۈرۈشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى. يەنئەن شەھىرى ئەنسەي رايونى نەنگۇ كەنتىدىكى دېھقانلار باغدا ئالدىراش بولۇپ، بۇ يىللىق مول ھوسۇلغا تولۇق تەييارلىق قىلماقتا.
ھازىر يەنئەن تاغ جىلغىسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ياشاش مۇھىتىنى يەنىمۇ ئوڭشىماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنئەن جەمئىي 2 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، باۋتاشەن تېغىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 32 جىلغىنى سىستېمىلىق تۈزەپ، ئىلگىرىكى كونا جىلغىنى راۋان، رەتلىك قىلدى، تاغ باغرىغا گەمە ۋە ئاھالىلەر ئۆيلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، كىچىك باغچىلار، چېنىقىش سورۇنلىرى بىلەن بېزەلگەن ئىدى.
قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىنىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى قوبۇل قىلىندى. ئىلگىرى سېرىق توپىلىق تۆپىلىك ئارىسىدىكى چەت شەھەر ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول، نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ھەرقايسى جايلارغا تۇتاشتۇرۇلدى، تۈرلۈك كەسىپلەر توپى تېز قەد كۆتۈردى، رەقەملىك ئىقتىساد جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، 5G ئاساسىي پونكىتى كەڭ دائىرىدە قاپلىدى، يەنئەن مەملىكەت بويىچە مىڭ مېگابايتلىق شەھەرلەر قاتارىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىردى. بۇ يىل يەنئەن شەھىرى 350 نۇقتىلىق تۈرنى پىلانلاپ، 310 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە ساقلاش، ئىلغار ياسىمىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ جايلىشىشىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈردى. يەنخې دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا زامانىۋى يېڭى شەھەر تېز سۈرئەتتە يېتىلىۋاتىدۇ.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن


中央广播电视总台 央广网 版权所有

شەنشىنىڭ يەنئەن يېزا-كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىگە پۇختا تۈرتكە بولدى

1935-يىلىدىن 1948-يىلىغىچە يەنئەننى مەركەز قىلغان شەنشى-گەنسۇ-نىڭشيا چېگرا رايونى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۇرۇشلۇق جاي بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا