ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2025-يىلى مەملىكەت بويىچە يازلىق تەتىللىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمال پەسلى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-07-02 16:48

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى 7-ئايدىن 8-ئايغىچە 2025-يىللىق مەملىكەتلىك يازلىق تەتىللىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمال پەسلى پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. جايلار يازلىق تەتىللىك مەدەنىيەت ساياھەت ئىستېمالى قىزىق نۇقتىسىنى چۆرىدەپ، 4300 تۈردىن ئارتۇق تەخمىنەن 39 مىڭ مەيدان (قېتىم) مەدەنىيەت ساياھەت ئىستېمالى پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. جايلار يەنە ئىستېمال بېلىتى، بېلەت باھاسىدا ئېتىبار بېرىش، ئېتىبارلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، 570 مىليون يۈەن ئىستېمال تولۇقلىمىسى تارقىتىپ، ئىستېمال ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى




中央广播电视总台 央广网 版权所有

2025-يىلى مەملىكەت بويىچە يازلىق تەتىللىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمال پەسلى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى 7-ئايدىن 8-ئايغىچە 2025-يىللىق مەملىكەتلىك يازلىق تەتىللىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمال پەسلى پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ