چېگرا ھالقىغان سودا تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇلۇپ، تاشقى سودىدا مىقدارنى مۇقىملاشتۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى
بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز چېگرا ھالقىغان سودىنى قولايلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تاشقى سودىدا مىقدارنى مۇقىملاشتۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.
فۇجيەن ئەركىن سودا سىناق رايونى خەلقئارا سودىدىكى «يەككە كۆزنەك»كە تايىنىپ، شۇ جايدا تۇنجى بولۇپ «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى تاموژنا بېجى سىياسىتى بويىچە ئەقلىي مۇلازىمەت سۇپىسى»نى بەرپا قىلىپ، ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسىنى «سېكۇنت ئىچىدە تەستىقلاش، سېكۇنت ئىچىدە بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى. فۇجيەندىكى كارخانىلار بۇ يىل ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جاي باياناتىنى ئۆز ئالدىغا چىقىرىپ بەرگەن ئېكسپورت مال قىممىتى 2 مىليارد 400 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىگە ئەزا دۆلەتلەر بازىرىنى كېڭەيتىشىگە كۈچلۈك تىرەك بولدى.
شەندۇڭ چىڭداۋ تاموژنىسى تۆمۈر يول-دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورتىدا «بىر تالون تۈزۈمى»، «بىر ساندۇق تۈزۈمى»دىن ئىبارەت يېڭىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى پائال ئىلگىرى سۈردى. كارخانا ئىچكى قۇرۇقلۇق پورتىدا مالنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، تەكشۈرۈش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى تاماملىيالايدۇ، مال دېڭىز-تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق پورتقا توشۇلغاندىن كېيىن بىۋاسىتە پاراخوتقا قاچىلىنىدۇ، پۈتۈن جەرياندا ساندۇقنى ئالماشتۇرۇش، تەكرار ئىلتىماس قىلىش ھاجەتسىز، بىر پارچە مال ئېلىش تالونى ئارقىلىق تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش پۈتۈن جەريانىنى تاماملىغىلى بولىدۇ. بۇ يىلدىن بۇيان، چىڭداۋ پورتىنىڭ دېڭىز-تۆمۈر يول بىرلەشمە تىرانسپورتى 1 مىليون 740 مىڭ ئۆلچەملىك ساندۇقتىن كۆپىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13 ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە دېڭىز بويىدىكى پورتلار ئىچىدە داۋاملىق ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.
تەرجىمان: قۇرباننىسا جاپپار
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









