ئالدىنقى يېرىم يىلدا كۆلەملەشكەن يېنىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى 11 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى
جۇڭگو يېنىك سانائەت بىرلەشمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ يېنىك سانائىتىدە ئۆتكەن يىلى 4-پەسىلدىن بۇيانقى قايتا يۈكسىلىنىپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى داۋاملىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، كۆلەملەشكەن يېنىك سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئېشىپ، تىجارەت كىرىمى 11 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يەتكەن.
ئىستېمال بازىرى جەھەتتە، سىياسەتنىڭ تۈرتكىلىك ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، يېنىك سانائەتتە 11 تۈردىكى تاۋارنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 4 تىرىليون 300 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.6 ئاشقان. ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ پايدىسى بىلەن توكلۇق ۋېلىسىپىت، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، يېقىلغۇ گاز ئوچىقى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ مىقدارى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشقان. سىياسەتنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى داۋاملىق ئۇرغۇتۇلغان، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئۈن-سىن ئۈسكۈنىلىرى، ئۆي جاھازلىرى تۈرىدىكى تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %30.7 ۋە %22.9 ئېشىپ، يىل بېشىدىن بۇيانقى بىر قەدەر تېز ئېشىش ۋەزىيىتى داۋاملاشقان.
كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، يېنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئالىيلىشىش، ئەقلىيلىشىشكە قاراپ قەدەم تاشلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە كۆلەملەشكەن يېنىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ رەقەملەشكەن تەتقىق قىلىپ ئېچىش قوراللىرىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %86.2 كە يېتىپ، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلارنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولغان.
بۇنىڭدىن باشقا، يېنىك سانائەت ئېكسپورتى داۋاملىق ئەۋرىشىم بولغان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، يېنىك سانائەت تاۋارلىرىنىڭ ئېكسپورت سوممىسى 456 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 21 چوڭ تۈردىكى كەسىپ ئىچىدە 11 كەسىپنىڭ ئېكسپورت سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشقان.
تەرجىمان: قۇرباننىسا جاپپار
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









