ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مىڭ يىللىق قەدىمىي يولنىڭ يېڭى قىياپىتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-08-11 16:54

شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ئالى ۋىلايىتى گېجى ناھىيەسىنىڭ ساكا يېزىسىدا، زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ۋە مەدەنىيەتنى قېزىش ئارقىلىق، ئۆزگىچە كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.
تومۇزدا چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ غەربىدىكى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ئالى ۋىلايىتى گېجى ناھىيەسىنىڭ ساكاي يېزىسىدىكى تۇز كۆلدە بىر نەچچە كەنت ئاھالىسى كۆلدىن يىرىك تۇز يىغىۋاتاتتى.
ساكا يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى گوڭ چۆسىرېن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ساكا يېزىسىنىڭ تۇزى تۇرمۇش لازىمىتى بولۇپلا قالماي، يەنە مەدەنىيەت ۋاسىتىسى، تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى. بۇنىڭدىن 1000 نەچچە يىل ئىلگىرىلا 50 نەچچە تۇزچى بۇ يەرگە ئورۇنلىشىپ، داڭلىق « قەدىمىي تۇز يولى»نى شەكىللەندۈرگەن.
ساكا يېزىسىدا شىمالى شىزاڭدىكى ئەڭ چوڭ «جاڭساڭسەن كۆلى» بار، تۇز كېنى زاپىسى مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تېرىلمە بايلىق. ھالبۇكى، دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئەنئەنىۋى تۇزچىلىق ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش، ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولۇش، كەسىپ زەنجىرى مۇكەممەل بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن ئىدى. گۇڭ چۆسىرېن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساكا يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، تۇزچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ مەنبەلىك مەھسۇلات سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. ھازىرغا قەدەر، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ مۇقىم مۈلكى 23 مىليون يۈەندىن ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ جاي يەنە «قەدىمىي تۇز يولى»مەدەنىيەت مەزمۇنىنى چوڭقۇر قازدى؛ قوي بىلەن تۇز توشۇش ئادىتىمۇ شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
گوڭ چۆسىرېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز «قەدىمىي تۇز يولى» تارىخىي مەدەنىيىتىگە تايىنىپ، ساكا يېزىلىق ساياھەت ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى، تۇز بىلەن يۇيۇنۇش مەركىزى، ۋاڭشياڭ راۋىقى قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرىنى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە تارىخىي دەۋردىكى قوي بىلەن تۇز توشۇش مەنزىرىسىنى ھېس قىلدۇردۇق. ساكا يېزىسىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلدۇق.
جۇڭگو زاڭزۇشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزى ھازىرقى زامان تەتقىقاتخانىسنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى ياڭ لىيۈەن مۇنداق دەپ قارىدى: ساكا يېزىسىنىڭ ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بايلىق ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر قېزىش، مەدەنىيەت جەۋھىرىگە ۋارىسلىق قىلىش، كەسىپ ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ئېگىزلىكنىڭ ئۆزگىچە كەسىپلىرى ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدى.
ياڭ لىيۈەن مۇنداق دېدى: يەرلىكتىكىلەر قەدىمىي تۇز يولى روھىنى جارى قىلدۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، يەرلىكنىڭ ئۆزگىچە تۇز مەدەنىيىتىگە قۇۋۋەت قوشۇپ، تۇزنى كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىنىڭ سىمۋولى، مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ ۋاسىتىسى، مەدەنىيەتتە ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ كۆۋرۈكىگە، جەنۇبىي ئاسىيا چوڭ يولى قۇرۇلۇشى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، تىنچلىق، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈگۈنىگە ئايلاندۇرۇپ، شۇ جاينىڭ تۇز مەدەنىيىتىنى يېڭى تارىخىي شارائىتتا يېڭىدىن جۇلالاندۇردى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مىڭ يىللىق قەدىمىي يولنىڭ يېڭى قىياپىتى

شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ئالى ۋىلايىتى گېجى ناھىيەسىنىڭ ساكا يېزىسىدا، زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ۋە مەدەنىيەتنى قېزىش ئارقىلىق، ئۆزگىچە كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى