بىرىنچى قېتىملىق ئۇنىۋېرسال مانېۋىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى
جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئۇنىۋېرسال مانېۋىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى
مۇخبىرنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئاخبارات مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 9-كۈنى كېچىدىن 10-كۈنى سەھەرگىچە، بېيجىڭ تيەنئەنمېن رايونىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئۇنىۋېرسال مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلگەن، تەخمىنەن 22 مىڭ كىشى مانېۋىر ۋە نەق مەيدان كاپالىتى خىزمىتىگە قاتناشقان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بىرىنچى قېتىملىق ئۇنىۋېرسال مانېۋىر خاتىرىلەش يىغىنى، مۇراسىمى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مۇھىم نۇقتا خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئىچكى جەھەتتىن جىپسىلاشتۇرۇشقا قارىتىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تەشكىلىي كاپالەت ۋە قوماندانلىق قىلىش، يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلگەن، مانېۋىر تەرتىپلىك تەشكىللىنىپ، كۆزلىگەن نىشانغا يەتكەن. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئالاقىدار تەرەپلىرى: بۇ قېتىمقى مانېۋىر پائالىيىتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ چۈشەنگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز، دېدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار









