جۇڭگو ياشلار 4-ماي مېدالىغا ئېرىشكۈچى ئاسىلبېك چارۋىچىلارنىڭ ياخشى «مۇلازىمەتچىسى» بولىمەن دېدى
ساقچى پونكىتىدىن چېگرا تېشىغىچە بولغان تۈز سىزىق ئارىلىقى 21 كىلومېتىر بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تاغ چوققىسىدىن ھالقىپ، داۋانلاردىن ئېشىپ، مۇزلۇق دەريادىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئات بىلەن چېگرانى چارلاپ كېلىشكە بىر كۈن كېتىدۇ. 37 ياشلىق ئاسىلبېك چېگرا چارلاش يولىدا 10 يىل ماڭدى، چارلاش ئومۇمىي مۇساپىسى 120 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى.
ئاسىلبېك شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى بورتالا ئوبلاستلىق چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى دولانتى چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۇ ساقچى بولغاندىن بۇيان تۈرلۈك جىنايى ئىشلار، ئامانلىق دېلوسىدىن 200 دىن كۆپرەكنى پاش قىلىپ، قېچىپ يۈرگەن نۇرغۇن جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا ئالدى. ئۇ چارۋىچىلارنىڭ قويلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھايات-ماماتىغا قارىماي مۇزلۇق دەرياغا سەكرىدى، چارۋىچىلار يايلاق كۆچكەندە خىزمەتداشلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى توشۇشقا ياردەملەشتى. خىزمەت نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، يېقىندا ئاسىلبېك جۇڭگو ياشلار 4-ماي مېدالىغا ئېرىشتى.
2015-يىلى دولانتى چېگرا ساقچىخانىسى كازەن دەريا بويى چېگرا ساقچى پونكىتىغا تەقسىم قىلىنغاندىن بۇيان، ئاسىلبېك ئىزچىل كازەن جىلغىسىدىن ئايرىلىپ باقمىدى. كازەن جىلغىسى ئالاتاۋ تېغى بىلەن بېجېنتاۋ تېغىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3000 مېتىر كېلىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 10 سېلسىيە گرادۇس، بۆرىلەر توپى گاھ پەيدا بولۇپ، گاھ غايىب بولۇپ تۇرىدۇ، قاتتىق سوغۇق بولىدىغان، ئوكسىگېن يېتىشمەيدىغان شىۋىرغانلىق يول، تىك قىيالىق يول، خەتەرلىك ھادىسىلەر بىلەن تولغان قالايمىقان تاشلىق يولنى چارلاشتا خىيىم-خەتەر كۆپ.
كازەن دەريا بويى چېگرا ساقچى پونكىتى كازەن دەرياسى جىلغىسىغا جايلاشقان، بۇ جاي ھەم دۆلىتىمىز بىلەن قازاقىستان چېگراسىنىڭ ئالدىنقى سېپى ھەم بىڭتۈەن 5-شىسى 88-تۈەنىدىكى چارۋىچىلارنىڭ يازلىق يايلىقى، قورغاس ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلارنىڭ قىشلىق گەمىسىمۇ يېقىن ئەتراپتا. ئاسىلبېك ۋە ساقچى پونكىتىدىكى خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلار، چېگرا قوغدىغۇچىلار ياشلىق باھارى ۋە ئىسسىق قېنىنى يىراققا تۇتىشىدىغان بۇ دەريا جىلغىسىغا سىڭدۈرۈپ، تەۋەلىكىنىڭ ئامانلىقىنى پۇختا قوغداپ، نۇرغۇن ئىللىق دەقىقىلەرنى قالدۇردى.
ھەر يىلى قىش كىرگەندىن تارتىپ كېيىنكى يىلى 5-ئايغىچە، باشقا چارۋىچىلار كۆچۈپ كېتىدۇ، كازەن جىلغىسىدا پەقەت ئۈچ ئائىلىلىك چارۋىچى قېلىپ چارۋا باقىدۇ، خەيشار ئائىلىسى شۇلارنىڭ بىرى. خەيشار قىشتا جىلغىدا ئادەم ئاز، تەبىئىي مۇھىتى ناچار، ناۋادا جىددىي ئىش چىقىپ قالسا، ياردەم قىلىدىغان ئادەم تېپىش ئاسان ئەمەس، ھېلىمۇ ياخشى ئاسىلبېك قېشىمىزدا بار دېدى.
بۇلتۇر 1-ئايدا، خەيشار ناھىيە بازىرىدىن چارۋىچىلىق مەيدانىغا قايتىش يولىدا شىۋىرغانغا ئۇچراپ، ئاپتوموبىلى قېلىن قار ئىچىدە قالدى، كاللىسىدا تۇنجى بولۇپ ئويلىغان ئادەم دەل ئاسىلبېك ئىدى. ياردەم تەلەپ قىلىش تېلېفونى ئۇلاندى، ئۇ ئاپتوموبىل پېتىپ قالغان ئورۇننى تەپسىلىي تەسۋىرلىگەندە، ھەممە يەر ئاپئاق بولغاچقا، ئېنىق دەپ بېرەلمىدى.
ئاسىلبېك دائىم تەۋەلىكنى چارلايدۇ شۇنداقلا قۇم مودېلغا تىكىلىپ يەر شەكلىنى تەھلىل قىلىدۇ، ئۇ كۆپچىلىك ئېتىراپ قىلىدىغان «تىرىك خەرىتە». ئۇ ئەھۋالنى تەھلىل قىلىپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال خەلق ساقچىلىرى ۋە ياردەمچى ساقچىلارنى گۈرجەك، ئارغامچا قاتارلىق قۇتقۇزۇش جابدۇقلىرىنى ئېلىپ نەق مەيدانغا بېرىشقا تەشكىللەپ، ناھايىتى تېزلا خەيشارنىڭ ئاپتوموبىلى پېتىپ قالغان جاينى تاپتى.
ئاسىلبېك چارۋىچىنىڭ بالىسى بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپ چارۋىچىلىق رايونىدا چوڭ بولغان، كېيىن يەنە چارۋىچىلىق رايونىغا بېرىپ ساقچى بولغان، ئۇ كۈتۈلمىگەن ئېھتىياجلارغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش بىلىملىرىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن.
2022-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەردە، چارۋىچى جاقپىنۇر ئاسىلبېككە تېلېفون بېرىپ، تىت-تىت بولغان ھالدا: «مېنىڭ ئېتىم ئۇدا نەچچە كۈن ئوت يېمىدى، ھازىر ئورنىدىن تۇرالمايدۇ، تېز كېلىپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرۈپ باققان بولسىڭىز» دېدى.
ئاسىلبېك ئېغىلغا كىرىپلا، ئاتنىڭ يەردە ياتقانلىقى، بۇرنىدىن سۇ ئېقىۋاتقانلىقى، توختىماي يۆتىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئاسىلبېك تەپسىلى سوراش ئارقىلىق، بۇ ئات زۇكام بولۇپ ئۆپكە ياللۇغىغا ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم قىلدى. ئارقىدىن، ئۇ ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى بىر مال دوختۇرى بىلەن ۋىدىيولۇق كۆرۈشتى، ۋىدىيولۇق دىياگنوز قويۇش ئارقىلىق مال دوختۇرى ئاسىلبېكنىڭ ھۆكۈمىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، دورا يېزىپ بېرىپ باشقىلار ئارقىلىق چارۋىچىلىق رايونىغا ئەۋەتتى. كېيىن، ئاسىلبېك جاقپىنۇرغا ئاتقا ئوكۇل سېلىشنى سەۋرچانلىق بىلەن ئۆگەتتى، قايتا-قايتا ئۆگەتكەندىن كېيىن ئاندىن قايتىپ كەتتى.
كازەن جىلغىسى ناھىيە بازىرىدىن يىراق، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل ئەمەس ئىدى. ئاسىلبېك ساقچى پونكىتىنى چەت، يىراق چېگرادىكى «تۇرمۇش مۇلازىمەت پونكىتى»غا ئايلاندۇردى، ئۇ چارۋىچى ئاممىنىڭ «تېز يەتكۈزگۈچىسى»، «مۇلازىمەتچىسى» بولدى، ئەتراپتىكى ئامما جىددىي ئىش، قىيىن ئىشقا يولۇقسا ئۇنى ياردەمگە چاقىردى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئاسىلبېك ئاممىنىڭ 3800 دىن ئارتۇق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى، 400 قېتىمدىن ئارتۇق داۋالىدى ۋە دورا يەتكۈزۈپ بەردى، ئاپەتكە ئۇچرىغان چارۋىچىلارغا 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ياردەم قىلدى، ئاممىنىڭ 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادىي زىيىنىنى قايتۇرۇپ كەلدى.
ئاسىلبېكنىڭ كەسىپنى قەدىرلەش روھى تەۋەلىكتىكى يۇرتداشلارنى تەسىرلەندۈردى، ئەتراپىدىكى خىزمەتداشلىرىنىمۇ ئىلھاملاندۇردى. دولانتى چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى ليۇ خاڭ مۇنداق دېدى: ئاسىلبېك بىزنىڭ ئۈلگىمىز، مەن ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەستايىدىللىق بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ تاغ-دەريالىرى ۋە خەلقنى قوغداپ، كۈرەش قىلىش قىياپىتىم بىلەن ياشلىق باھارىمنى ئۇرغۇتۇپ، دەۋرگە، باشلىق باھارىمغا يۈز كېلەلىگۈدەك خىزمەت قىلىمەن.









