ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«تاڭگۇلادىكى دەريا-ئېقىن مەنبەسى قوغدالدى» ماۋزۇلۇق تەپسىلىي خەۋەر

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-08-17 11:51

شىزاڭ ناچۈ شەھىرى ئەندو ناھىيەسى تاڭگۇلا تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇب-شىمال ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 5200 مېتىر كېلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەندو تاڭگۇلا تاغ تىزمىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش خىزمىتىنى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش قىلىپ، كادىرلار ۋە ئامما بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، تاڭگۇلادىكى دەريا-ئېقىن مەنبەسىنى قوغدىدى.
ھەيۋەتلىك تاڭگۇلا تاغ تىزمىسى ئەندو ناھىيەسىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، مۇزلۇق ئۈزلۈكسىز ئېرىپ سۇ يىغىلىدۇ، نۇرغۇن دەريا ئېقىنلىرى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەندو «جۇڭخۇا سۇ مۇنارى»غا ئايلاندى. ئەندو ناھىيەسىنىڭ يەنشىپىڭ بازىرىدا ھەر پەسىلدە ئېكولوگىيەنى قوغداش پىدائىيسى جيەنشى ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى سۇ ئەۋرىشكىسىنى ئالىدۇ، بۇ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ مەنبەسىنى ئۈنۈملۈك كۈزىتىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيال.
جيەنشى مۇنداق دېدى: سۇ ئەۋرىشكىسىنى ئالغاندا قانداق پېچەتلەش، قانداق خاتىرىلەش توغرىسىدا بىز تەربىيەلەنگەن. يۇرتىمىز دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، ئېكولوگىيەسى ئاجىز بولغاچقا، زور كۈچ بىلەن قوغدىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
ئەندو ناھىيەسى ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئېكولوگىيەلىك ئىش ئورنىنى تۈرگە ئايرىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش تورى بەرپا قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، گىلادان شەرقىي چوققىسىنى مەركەز قىلغان ئالتە يېزا (بازار) دا، ھەر بىر ئائىلىدىن بىردىن ئائىلە ئەزاسى ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئېكولوگىيەلىك ئىش ئورنىغا قوشۇلۇپ، ئومۇمىي ئادەم سانى 2500 دىن ئاشتى. ئەندو ناھىيەسى ماچۈ يېزىسىدىكى سىرېن ۋاڭبۇ مۇنداق دېدى: بىز ھەر ئايدا يايلاقنى تۆت قېتىم چارلاپ، يايلاقنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆرىمىز، ئەگەر يايلاقتا ئەخلەت، بۇزغۇنچىلىق مەۋجۇت بولسا، بىز بىرىنچى بولۇپ يۇقىرىغا مەلۇم قىلىمىز.
ئەندو ناھىيەسى جايلاشقان شىمالىي شىزاڭ ئېگىزلىكىدە جۇڭگودىكى بەش چوڭ چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ بىرى بولغان چياڭتاڭ يايلىقى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەندو ناھىيەسى 200 مىڭ مودىن ئارتۇق ئوتلاقنى ئاسراپ كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 80 مىڭ مو ئوتلاق سۈنئىي بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇزۇن مەزگىل قاشالىنىپ چارۋا بېقىش چەكلەندى. ئەندو ناھىيىلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دې جى مۇنداق دېدى: ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تىرىشىشى ئارقىلىق، ناھىيىمىزنىڭ ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسى يىلدىن-يىلغا ئېشىپ، قاپلاش نىسبىتى %75 تىن ئاشتى، نەملىك يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسى %66 ئەتراپىدا مۇقىملاشتى، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىمۇ كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.
بۈگۈنكى كۈندە ئەندو ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، چارۋىچىلىق، مەدەنىيەت، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، ئاممىنىڭ تۇرالغۇ، مائارىپ، داۋالىنىش قاتارلىق تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى بەخت-سائادىتى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولدى، ئەندو ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ياڭ ليېبى مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، ناھىيەمىزدىكى يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن  %7.6ئاشتى. بىز ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى داۋاملىق ئەڭ زور چەكتە جارى قىلدۇرۇپ، ئەندونىڭ رايون ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «كۈچلۈك موتور»غا ئۈزلۈكسىز ئايلاندۇرۇپ، چارۋىچىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئاشۇرۇپ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«تاڭگۇلادىكى دەريا-ئېقىن مەنبەسى قوغدالدى» ماۋزۇلۇق تەپسىلىي خەۋەر

شىزاڭ ناچۈ شەھىرى ئەندو ناھىيەسى تاڭگۇلا تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇب-شىمال ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 5200 مېتىر كېلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەندو تاڭگۇلا تاغ تىزمىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش خىزمىتىنى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش قىلىپ، كادىرلار ۋە ئامما بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، تاڭگۇلادىكى دەريا-ئېقىن مەنبەسىنى قوغدىدى.