«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-08-19 16:33
گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «14-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاش» باش تېمىسىدا يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى راۋاجلاندۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
بىرلىك سەپ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى تۈزۈمى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەرىپى. مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما لىخۇەي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «پارتىيە رەھبەرلىكى، بىرلىك سەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، بۈيۈك بىرلىك سەپ خىزمىتى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز بىرلىك سەپنىڭ كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، كۈچ توپلاشتەك سىياسىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەرققە ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى سىغدۇرۇپ، پارتىيەلەر مۇناسىۋىتى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، دىنلار مۇناسىۋىتى، قاتلاملار مۇناسىۋىتى، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى قېرىنداشلار مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ مۇجەسسەملىدۇق.
خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم ئەمەلىيەت سۇپىسى، ئۆز نۆۋىتىدە پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى يولغا قويۇشنى تۈزۈم ۋە قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، بەنگۇڭتىڭ تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۇڭ رۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «14ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىپ، تېخىمۇ تۇراقلاشتى. دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا زۆرۈر بولغان، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان قانۇن-تۈزۈملەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ھەر بىر قانۇننى خەلق رايىغا، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلاشتۇرۇپ، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى ۋە ساداسىغا قۇلاق سېلىپ ۋە ئۇنى ئىنكاس قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى ياخشى كۆۋرۈك بولۇشىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى خۇ خېڭلۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئورتاق تونۇشنى، كىشىلەر قەلبىنى، ئەقىل-پاراسەتنى، كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملىدى. پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ خەلق سىياسىي كېڭىشىدە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىغا، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىكى توغرا سىياسىي يۆنىلىشكە كاپالەتلىك قىلدى. «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى» ۋە «خەلق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلار»نى زىچ چۆرىدەپ چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، زور بىر تۈركۈم چارە-تەدبىر كۆرسىتىش نەتىجىلىرىنى سىياسەت-تەدبىرلەرگە ئايلاندۇردى.
دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دۇەن يىجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2020-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە، بەش ئاپتونوم رايوننىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يىغىندىسى 6 تىرىليون 12 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن 8 تىرىليون 376 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش 11 ئالاقىدار قانۇنغا كىرگۈزۈلۈپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قانۇن تىرىكىگە ئىگە قىلىندى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى. ھەرقايسى مىللەتلەر سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشقا ئورتاق يۈزلىنىشتە يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياردەم بەردى. مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىدا يېڭى كەيپىيات نامايەن بولدى. مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى پەللىگە يۈكسەلدى.
تەرجىمان: قۇربانىسا جاپپار
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









