«14-بەش يىل»مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ سۈپەت سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-08-23 10:05
گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاش «يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لو ۋېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ سۈپەت سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. «سۈپەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش پىروگراممىسى»، «دۆلەتنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش تەرەققىيات پىروگراممىسى»نىڭ ئېلان قىلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ماكرولۇق سۈپەت سىياسىتى سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. سۈپەت ئارقىلىق كارخانىنى، زەنجىرنى، ناھىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئۆتكەلگە نۇقتىلىق ھۇجۇم قىلىش تۈرىدىن جەمئىي 4271ى يولغا قويۇلۇپ، سۈپەت ئارقىلىق 18 مىڭ توسۇق نۇقتا مەسىلىسى ھەل قىلىندى. سۈپەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سۈپەت ئۇل ئەسلىھەلىرى بويىچە «بىر يوللۇق» مۇلازىمەت پونكىتىدىن 2372سى قۇرۇلدى. بەش يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىقىنىڭ سۈپەت رىقابەت كۈچى كۆرسەتكۈچى، تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت، ئاممىۋىي مۇلازىمەت سۈپىتىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى ئايرىم-ئايرىم85.86 ،81.33 ،81.62 گە ئۆستى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل









