ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-08-24 11:48

* دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە توك تارقىتىش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 3 مىليارد 670 مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.2 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە قۇياش ئېنىرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىدىغان گېنىراتورلار سىغىمچانلىقى 1 مىليارد 110 مىليون كىلوۋات بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50.8 ئاشقان. شامال ئېلىكتىر گېنراتورلار سىغىمچانلىقى 570 مىليون كىلوۋات بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.1 ئاشقان.

* بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا توردا سېتىلىدىغان نۇقتىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى. بىخەتەرلىك قالپىقى، توكسىكىلىت، گاز ئوچاق قاتارلىق پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك 10 تۈرلۈك مەھسۇلاتتا «بىر كود بويىچە مەنبەسىنى تەكشۈرۈش» مېخانىزمى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ. ئىستېمالچىلار بىر كۇنۇپكا بىلەن كودنى سكاننېرلاپ مەھسۇلات سۈرىتى، 3C  گۇۋاھنامىسى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئۇچۇرلارنى تەكشۈرەلەيدۇ.

* بۇ يىلقى 13-نومۇرلۇق تەيفېڭ بورىنى «تىفون كاجىكى» 8-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 17دە ئىسسىق بەلباغ بورىنى دەرىجىسىدىن كۈچلۈك ئىسسىق بەلباغ بورىنى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئەتىگەن سائەت 5 كىچە، ئۇنىڭ مەركىزى خەينەن ئۆلكىسى سەنيا شەھىرىنىڭ شەرقىنىڭ قىيپاش جەنۇبىغا تەخمىنەن 255 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇنىڭ تەسىرىدە خەينەن ئارىلىنىڭ قىسمەن رايونلىرى، شىشا تاقىم ئاراللىرى، جۇڭشا تاقىم ئاراللىرىدا 8-ئاينىڭ 24-كۈنى قاتتىق يامغۇر ياغدى. دۆلەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق شىتابى خەينەندە كەلكۈندىن، تەيفېڭ بورىنىدىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە 4-دەرىجىلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە توك تارقىتىش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 3 مىليارد 670 مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ،