ھۆرمەت قاراۋۇللىرى چاسا ئەترىتى چاقناپ تۇرغان «جۇڭگو نام كارتىسى»
ھەربىي پارات مەشق مەيدانىدا، بۇ قېتىم پاراتتىن ئۆتىدىغان پىيادە ئەسكەرلەر چاسا ئەترىتى ئىچىدە تيەنئەنمېن مەيدانىدىن تۇنجى بولۇپ پاراتتىن ئۆتىدىغان چاسا ئەترەت ھۆرمەت قاراۋۇللىرى چاسا ئەترىتى.
ھۆرمەت قاراۋۇللىرى چاسا ئەترىتىنىڭ پاراتقا قاتنىشىدىغان ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى چوڭ ئەترىتىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن ئەزالار رۇسىيە، ۋېيتنام، بېلارۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي پارات مۇرراسىمىغا قاتناشقان. ھۆرمەت قاراۋۇلى چاسا ئەترىتىنىڭ بايراقچىسى شى بىن مۇنداق دېدى: ھۆرمەت قاراۋۇلى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مەيلى چەتئەلدە ياكى دۆلەت ئىچىدە بولسۇن، مەيدانغا چىقساقلا، ھەممە كىشىنىڭ دىققىتى بىزگە مەركەزلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بېسىمىمىز يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر، چۈنكى بىز بىرىنچى چاسا ئەترەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پىيادە چاسا ئەترەتنى باشلاپ ماڭىمىز، قەدىمىمىزنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، تېز-ئاستىلىقى ئارقىدىكى چاسا ئەترەتنىڭ رېتىمىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، پىسخىك ساپايىمىز، ھەرىكىتىمىزنى پىششىق، رەتلىك قىلىش جەھەتتە، باشقا ئەترەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەتراپلىق مەشىق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
ھۆرمەت قاراۋۇللىرى چاسا ئەترىتى ئەر ئەزالىرىنىڭ بوي ئېگىزلىكى1 مېتىر 83 سانتىمېتىردىن 1 مېتىر 93 سانتىمېتىرغىچە، بەدەن ئېغىرلىقى 85 كىلوگرام ئەتراپىدا بولۇشى؛ ئايال ئەزالىرىنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1 مېتىر 73 سانتىمېتىردىن 1 مېتىر 80 سانتىمېتىرغىچە، بەدەن ئېغىرلىقى 60 كىلوگرام ئەتراپىدا بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. تىرېنېرلار مەشىق ئەھۋالىغا قارىتا قەرەللىك باھالاش ئېلىپ بارىدۇ، كىم باھالانسا شۇ تاللىنىدۇ، ھەممىدە ئەمەلىي ئىقتىدار ئاساس قىلىنىدۇ. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى چاسا ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ رەنرەن مۇنداق دېدى: بىر قەدەم 75 سانتىمېتىر دەپ تەلەپ قىلىنسا، 77 سانتىمېتىر بولسا بولمايدۇ، 74 سانتىمېتىر بولسىمۇ بولمايدۇ، ھەر بىر قەدەم 75 سانتىمېتىر بولۇشى كېرەك، بەزى كىشىلەر بۇنى ئانچە چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن، بۇنىڭدا سۈرئەت، ئۆلچەمگە تەلەپ قويىلىدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









